باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىلىقلار چېگرىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتكۈزۈشكە باشلامچىلىق قىلماقتا(2)

2015.07.21 11:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ناۋادا ئامېرىكىلىقلار قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى فېدېراتسىيە خادىمىنىڭ كۆزىدىن يىراقراق بىخەتەر جايغا ئاپىرالىسا يەنە 500 ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىدىكەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، مېكسىكا ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئادەم بېدىكلىرى ئاران 155 ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىدىكەن.«11-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا چېگرىنى باشقۇرۇش، كونتىرول قىلىشنى كۈچەيتتى، چېگرىنى چارلىغۇچىلار ھەسسىلەپ كۆپىيىپ 21 مىڭغا يەتتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق زەربە بېرىشىگە ئەگىشىپ، ئوغۇرلۇقچە ئۆتۈش بارغانسېرى قىيىنلىشىپ كەتتى، چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتكۈزۈش ھەققىمۇ ھەسسىلەپ ئاشتى. «پىتتىسبۇرگ مۇنبىرى ئوبزور گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قانۇنسىز كۆچمەن مېكسىكا چېگرىسىدىن ئۆتۈپ ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىغا كىرمەكچى بولسا، ئاز دېگەندە 6800 ئامېرىكا دوللىرى تەييارلىشى كېرەككەن.

  چېگرىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتكۈزۈش سودىسى بارغانسېرى زورايماقتا، ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، بو سودىنىڭ كۆلىمى نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. چېگرىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتكۈزۈش كەسىپ زەنجىرىدە يەنە كەم بولسا بولمايدىغان مۇنداق ھالقا بار ئىكەن، ئۇ بولسىمۇ قانۇن ئىجراچىلىرىغا پارا بېرىپ يول ئاچقۇزۇش.

  «پىتتىسبۇرگ مۇنبىرى ئوبزور گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قولغا ئېلىنغان پارا ئالغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى يەرلىك ئەمەلدارلار ئىكەن، فېدېراتسىيە ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا بۇنداق ھارام پۇلنى ئالىدىغانلار كۆپ ئەمەس ئىكەن.
【1】 【2】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر