باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇتەخەسىلەر: تايلاندنىڭ چېگرىدىن ئوغۇرۇلۇقچە ئۆتكەن جۇڭگولۇقلارنى قايتۇرۋېتىشى خەلقئارا ئادەتكە ئۇيغۇن

2015.07.20 15:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تايلاند دۆلەتلىك تەرەققىيات مەمۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى لى رېنلياڭ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تايلاندنىڭ يېقىندا چېگرىدىن ئوغۇرۇلۇقچە ئۆتكەن جۇڭگولۇقلارنى قايتۇرۇۋېتىشى خەلقئارا ئادەتكە ئۇيغۇن، بىر قىسىم چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىغا قارىتا قالايمىقان گەپلەرنى قىلىشى ھەتتا بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشى، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشى بىلەن ئەكسىچە يول تۇتقانلىق. جۇڭگو ساقچى دائىرىلىرى 9-ئىيۇل تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئوغۇرۇلۇقچە چېگرىدىن ئۆتكەنلەر ۋە ئوغۇرۇلۇقچە چېگرىدىن ئۆتۈش شايكىسىنىڭ 109 ئەزاسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى، بۇ تېررورلۇققا چېتىلىپ چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن 13 خادىمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەقتە لى رېنلياڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئوغۇرۇلۇقچە چېگرىدىن ئۆتۈش ئەسلىدىنلا قانۇنسىز پائالىيەت ھەمدە جۇڭگولۇق ئوغۇرۇلۇقچە چېگرىدىن ئۆتكەن بۇ خادىملار ئارىسىدا تېررورلۇققا چېتىلىپ چەتئەلگە قېچىپ كەتكەنلەر، جىنايەت گۇماندارلىرى قاتارلىقلارمۇ بار. تايلاندنىڭ بۇ كىشىلەرنى تەۋە دۆلىتى جۇڭگوغا قايتۇرۇشى خەلقئارا قانۇنىي ھەرىكەتكە تامامەن ئەمەل قىلغانلىق، تايلاند بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقىدار خەلقئارا ئەھدىنامە ۋە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئاساسەن قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىشى قانۇنغا مۇۋاپىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر