باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

توكيودا ئۇرۇشتا يېتىم قالغان ياپونلارنىڭ فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

2015.07.06 13:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇرۇشتا يېتىم قالغان ياپونلار بىلەن جۇڭگولۇق بېقىلۋالغان ئاتا ئانىلارنىڭ چوڭقۇر مېھرى تەسۋىرلەنگەن «مېھرى مۇھەببەت- ياپونىيەلىك يېتىملارنىڭ ھېكايىسى» ناملىق فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى 3-ئىيۇل توكيودا ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىنىڭ مەقسىتى كىشىلەرگە ئۇرۇشنىڭ ۋەھشىيلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دوستلۇقىنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەش. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدىكى سۈرەتلەردە ئۇرۇشتا يېتىم قالغان ياپونلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەندىن تارتىپ جۇڭگولۇق ئاتا ئانىلار بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىغىچە، ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىنى ئىزدەپ ياپونىيەگە قايتقانلىقىدىن تارتىپ ئەڭ ئاخىردا جۇڭگو-ياپونىيە تىنچلىق دوستلۇق ئەلچىلىرىگە ئايلانغانلىقىغىچە بولغان جەريانلار تەسۋىرلەنگەن. ئۇرۇشتا يېتىم قالغان ياپونلار - 1945-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن جۇڭگودا يېتىم قالغان، جۇڭگولۇقلار بېقىپ قاتارغا قوشقان ياپونىيەلىك يېتىم بالىلارنى كۆرسىىتىدۇ، بۇ بالىلارنىڭ سانى 4000دىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە توقسان پىرسەنتىدىن كۆپرەكى شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا مەركەزلەشكەن. جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقاندىن كېيىن ياپونىيەلىك يېتىملار جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ياردىمى ئارىسىدا ياپونىيەگە قايتقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر