چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى ـــ ‹‹ئەمگەك خەۋەرلىرى›› نىڭ 25-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن يېڭىدىن قۇرۇلۇش تاماملانغان پيوڭياڭ سۇنئەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. كىم جوڭئۇننىڭ خانىمى رى سولجۇ ۋە سىڭلىسى كىم يوجوڭ قاتارلىقلار كۆزدىن كەچۈرۈشتە بىللە بولغان.
كىم جوڭئۇن تەكشۈرۈشتە مۇنداق دېگەن: سۇنئەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمى زامانىۋى گۈزەللىك بىلەن مىللىي ئالاھىدىلىك زىچ بىرىكىپتۇ، ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىدا ئۆزگىچىلىك بىلەن مىللىيلىك تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ ھەمدە خەلقئارا ئۆلچەمگە يېتىپتۇ. پيوڭياڭ سۇنئەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمى بىزنىڭ جەلپكارلىقىمىز نامايان قىلىنىپتۇ.