ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 23-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستاندا ئۇدا داۋاملاشقان تومۇز ئىسسىقتا 700 گە يېقىن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. پاكىستان زۇڭلىسى شەرف 23-ئىيۇن كۆرسەتمە بېرىپ، دۆلەتنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان.
پاكىستاننىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك سەھىيە ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە 692 كىشى تومۇز ئىسسىقتا جېنىدىن ئايرىلغان، بۇ سان داۋاملىق ئېشىشى مۇمكىنكەن. بۇنىڭ ئىچىدە پاكىستاننىڭ پورت شەھىرى ـــ كاراچىدا قاتتىق ئىسسىق بولۇپ، ئۆلگەن ئادەم سانىمۇ كۆپكەن. شۇ جايدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتورا يېقىنقى كۈنلەردە 45 گىرادوس بولغان بولۇپ، پەقەت 1979-يىلىلا 47 گىرادوسلۇق يۇقىرى تېمپېراتورا كۆرۈلگەنىكەن. نۆۋەتتە بۇ شەھەردىكى دوختۇرخانىلاردا 3000 غا يېقىن ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان بىمارلار داۋالىنىۋېتىپتۇ.