باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاتىروشوف: ھەر قايسى دۆلەتلەر تېررورچى ئۇنسۇرلارنى قوبۇل قىلغۇچىلارغا زەربە بېرىش كۈچىنى زورايتىشى كېرەك

2015.06.11 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى پاتىروشوف 9-ئىيۇن مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدە خىزمەت ئاپپاراتلىرى تېررورچى ئۇنسۇرلارنى قوبۇل قىلغۇچىلارغا زەربە بېرىش كۈچىنى زورايتىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: تېررورىزمغا زەربە بېرىش پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشى، ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان پۈتۈن يەر شارى بويىچە كېلىۋاتقان ئېكىستىرىزم تەھدىتى ئالدىدا خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ شىمالى كاۋكاز رايونىدا تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى مىرىكوف بۇ يىل 3-ئايدا مۇنداق دېگەنىدى: شىمالىي كاۋكاز رايونىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ سىڭىپ كىرىش تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا 1500دىن ئارتۇق شىمالى كاۋكازلىقنىڭ سۇرىيە ۋە ئىراقتا «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى مۆلچەرلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر