- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياپونىيە ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى ئابى شېنزو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىش لايىھەسىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلدى
2015.06.11 16:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياپونىيە ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى 10 -ئىيۇن توكيو يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ئابى شېنزو ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنغان بىخەتەرلىكنى قوغداش قانۇن لايىھەسى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ، بۇ ئۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇن چىقىرىشنى تەكلىپىنى قايتۇرۇۋېلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.
تەخمىنەن 200 ئادۋوكات، پارلامېنت ئەزاسى، شەھەر ئاھالىلىرى ۋەكىلى قاتارلىقلار يىغىلىشقا قاتناشتى. ياپونىيە ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئابى شىنزو ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئۇرۇش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىش لايىھەسى ياپونىيەنىڭ تىنچ دۆلەت ئىدىيەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇقىنى قوغداشنى مۇقەددەس بۇرچى قىلىدۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق پەقەت تىنچ ھالەتتىلا كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، ئۇرۇش ئەڭ چوڭ ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگەنلىك. ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى ھۆكۈمەتتىن بىخەتەرلىكنى قوغداش ساقلاش قانۇن لايىھەسىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر