باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇرسى نېمە ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى؟

2015.06.09 14:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 16 - ماي تۈرمىدىن قېچىش جىنايىتى بىلەن سابىق زۇڭتۇڭ مۇرسىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىدى. ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، مىسىرنىڭ تۇنجى خەلق سايلىغان زۇڭتۇڭى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدۇ؟

  مۇرسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى تاسادىپىيلىقمۇ؟

  16 - مايدىكى سوتتا مۇرسى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 106 جاۋابكار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. سوت كوللېگىيەسى مۇنداق قارىدى: مىسىردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زۇڭتۇڭ مۇبارەككە قارشى ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى 2011 - يىلى يانۋار پارتلىغاندىن كېيىن، مۇرسى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ باشقا نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) شۇنداقلا لىۋان ئاللا پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى مۇرسى قامالغان ۋادى - نەترۇن تۈرمىسى قاتارلىق ئۈچ تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسىنى پىلانلىغان ھەم بۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرغان، يەنە نەچچە ئون ساقچىنى تۇتقۇن قىلغان ۋە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، تالاپەتكە ئۇچراتقان شۇنداقلا نۇرغۇن مال - مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتقان.

  بۇ دېلو بىلەن تەڭ سوت قىلىنغان يەنە بىر دېلودا مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتى رەھبەرلىك قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەيرەت ئەل شاتېرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 جاۋابكار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، سوت مۇرسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلمىغان.

  ئەمەلىيەتتە، مۇرسى 2013 - يىلى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئېتىرازچىلارنى زورلۇق كۈچ بىلەن باستۇرۇش، جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە تۈرمىدىن قېچىش قاتارلىق كۆپ خىل جىنايەتلەر بىلەن ئىزچىل ئەيىبلەنگەن. قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرەر جىنايەت بېكىتىلسىلا، مۇرسى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇرسىغا چېتىلىدىغان دېلولارنى سوتلاش تولىمۇ ئاستا بولغان ھەم قايتا - قايتا كېچىكتۈرۈلگەن. سوت مەھكىمىسى بىر يىلدىن ئارتۇق قاراپ چىققاندىن كېيىن، مۇرسىنىڭ ئېتىرازچىلارنى زورلۇق كۈچ بىلەن باستۇرۇش دېلوسىغا 21 - ئاۋغۇست تۇنجى قېتىم ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇنى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

  ئۆلۈم جازاسى دەرھال ئىجرا قىلىنامدۇ؟

  سوت بارلىق ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمنامىسىنى مىسىرنىڭ دىنىي داھىيسى مۇفتىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ پىكرىنى ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن سوت مەھكىمىسى 2 - ئىيۇن قايتا سوت ئېچىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.مىسىر قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېدى: 16 - مايدىكى ھۆكۈم پەقەت 1 - سوتنىڭ ھۆكۈمى بولۇپ، سوت مەھكىمىسى مۇفتىنىڭ ئىسلام شەرىئىتىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويغان پىكرىگە ئاساسەن، مۇرسىغا چىقىرىلغان ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. مىسىر سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن يىلى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ نەچچە يۈز ئەزاسى بىلەن قوللىغۇچىسىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان، مۇفتىنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قىسمەن كىشىلەرگە چىقىرىلغان ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىپ باشقىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان.

  بەزى تاراتقۇلار مۇنداق دېدى: سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇفتىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى قانۇنىي تەرتىپنى ئىجرا قىلغانلىقى بولۇپ، سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ چىقىرىلغان ھۆكۈمكە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

  بۇنىڭدى سىرت، مىسىرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن، ئىيۇندىكى قايتا سوت قىلىشتا ئۆلۈم جازاسى ساقلاپ قېلىنغان تەقدىردىمۇ، مۇرسى ۋە باشقا جاۋابكارلارنىڭ ھۆكۈمگە نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ھوقۇقى بولىدىكەن. نارازىلىق ئەرزى سۇنۇلغان سوت مەھكىمىسى يېڭىباشتىن سوت قىلغاندىن كېيىن، ئالىي سوت مەھكىمىسى ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىدىكەن.

  مىسىر ئەلئېھرام ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ سىياسىي تەتقىقاتچىسى ئەخمەد بان مۇنداق دېدى: مۇرسىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس، مۇفتى مۇرسىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى قوللىغان تەقدىردىمۇ، زۇڭتۇڭ سېسى مۇرسىنى جازادىن كەچۈرۈم قىلىشى مۇمكىن.

  بۇ قېتىمقى سوت مىسىرنىڭ ۋەزىيىتىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

  مۇرسى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئىككى سائەت ئۆتۈپلا، مىسىرنىڭ شىمالىدىكى سىناي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ئارىش شەھىرىدە سودىيەگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئارىش شەھىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەلىرى ئولتۇرغان ئاپتوموبىلنى قوراللىقلار ئوققا تۇتۇپ، شوپۇر بىلەن ئۈچ سودىيە قازا قىلدى، بىر سودىيە يارىلاندى.تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىگە ئالاقىدار تەشكىلاتنىڭ ھۆكۈمگە قارىتىلغان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى بولۇشى مۇمكىن. سىناي يېرىم ئارىلى مىسىر رادىكال تەشكىلاتىنىڭ چوڭ لاگېرى بولۇپ، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق دائىم يۈز بېرىدۇ. لېكىن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى قوراللىقلار قوزغىغان ھۇجۇم كۆپىنچە خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا قارىتىلغانىدى، ھۆكۈم چىقىرىلىپ شۇنچە قىسقا ۋاقىتتا ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى تاسادىپىي ۋەقە بولۇشى ناتايىن.

  ئەخمەد بان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى رەھبەرلىك قىلىدىغان «قانۇنىيلىكنى قوغداش مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى» ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئېتىراز بىلدۈرۈپ، نامايىش قىلىشقا داۋاملىق چاقىرىق قىلىپ، مۇرسى قاتارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىگە مەدەت بېرىپ، ھۆكۈمگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، مىسىر دائىرىلىرى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنى داۋاملىق كۈچلۈك باستۇرغاچقا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى بىر مەزگىلگىچە چوڭ كۆلەملىك نامايىش ياكى بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى قوللايدىغان «يېرۇسالىمنى قوللىغۇچىلار» قاتارلىق رادىكال تەشكىلاتلار پارتلىتىش ياكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پەيدا قىلىش ئارقىلىق مىسىر دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشى مۇمكىن، مىسىرنىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇشقا بولمايدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر