باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە چوقۇم جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى قەدىرلىشى كېرەك

2015.06.08 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو-ياپونىيە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 5-قېتىملىق مىنىستىرلار سۆھبىتى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنىڭ كۆرسەتكۈچىگە ئايلاندى.نىشاندىن قارىغاندا، مىنىستىرلار سۆھبىتى جۇڭگو-ياپونىيە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئىككى دۆلەتنىڭ مىنىستىرلار سۆھبىتى مېخانىزمىنى يولغا قويۇشتىكى ئارقا كۆرۈنۈشى بولسا، جۇڭگو-ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۆز ئارا بېقىنىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتۇر. ئىككى دۆلەت مىنىستىرلار سۆھبىتى ئارقىلىق، مالىيە ۋە پۇل مۇئامىلە مەسىلىسىدە ئۆز ئارا ماسلىشىپ، ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئۈنۈم جەھەتتىن قارىغاندا، مىنىستىرلار سۆھبىتى مۇھىم ئالماشتۇرۇش سۇپىسى. ئىككى دۆلەت بۇ ئارقىلىق بىر-بىرىنىڭ مالىيە-ئىقتىساد سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ چۈشىنىپ، رايون ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرىلىشىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش مەسىلىسىنى كېڭىشىدۇ. مىنىستىرلار سۆھبىتى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۆزلەپ، سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىشكە مۇلازىمەت قىلىپ، كۆپ قاتلامدىن جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدۇ.

  ۋاقىت جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ قېتىملىق مىنىستىرلار سۆھبىتى ئاسان قولغا كەلمىگەن. جۇڭگو-ياپونىيە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 5-قېتىملىق مىنىستىرلار سۆھبىتى ئەسلىدىكى پىلان بويىچە 2013-يىلى ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك ئىدى. لېكىن ياپونىيە تەرەپنىڭ ھەر خىل مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇش كەيپىياتىنى بۇزۇپ، سۆھبەت ئامالسىز كېچىكتۈرۈلدى. سۆھبەتنى قايتا ئۆتكۈزۈش ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر