باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېن لادېننىڭ ئۆلۈمى يالغان؟ سالاھىيەتلىك مۇخبىر ھەقىقى ئەھۋالنى ئاشكارىلىدى

2015.05.12 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2011- يىلى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى سەھەردە دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى «بازا» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوسامە بېن لادېن يوشۇرۇنۇۋالغان پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى بازار ئاباتابادغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرلىرى بېن لادېنغا يېقىن جايدىن بېشىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، بۇ تېررورلۇق كاتتىبېشىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. ئاندىن ئۇنىڭ مىيىتى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «كارل ۋېنسون» ناملىق ئاۋىياماتكىغا تاپشۇرۇلۇپ دەپىن قىلىندى.

  بۇ ئامېرىكا ئاقساراينىڭ دۇنياغا ئېلان قىلغان بېن لادېننىڭ ئۆلۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار.

  بىراق ئامېرىكىنىڭ پىشقەدەم مۇخبىرى سىمون خېش 10- ماي ئەنگلىيە «لوندون كىتابلارغا باھا» دا پارتلاش خاراكتېرلىك ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاقساراي بېن لادېننىڭ ئۆلۈمى مەسىلىسىدە قىپقىزىل يالغانچىلىق قىلدى، دېدى. ئۇ ئاقساراي ئاشكارىلىغان ئەھۋالنى «ئۇخلاۋىتىپ پەرىلەر ماكانىغا كىرىپ قىلىش»تەك يالغانچىلىق.

  خېش مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا پاكىستان ۋە ئامېرىكىلىق بەزى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، بېن لادېننىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرۇپ كۆردۈم، دېدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر