- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
نېپالدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە 2400 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى
2015.04.27 16:09 مەنبە: خەلق تورى
جۇڭگو خەلقئارا قۇتقۇزۇش ئەترىتى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلاندى
ئەلچىخانىمىز پۈتۈن كۈچى بىلەن جۇڭگو پۇقرالىرىنى قۇتقۇزىۋاتىدۇ
سۈرەتتە: جۇڭگو خەلقئارا قۇتقۇزۇش ئەترىتى يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغان رايوندا قۇتقۇزۇش لايىھەسى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى بەي ياڭ فوتوسى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نېپالدا 25-ئاپرېل 8.1 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، بېيجىڭ ۋاقتى 26-ئاپرېل سائەت 15:09 لەردە يەنە 7.1 بال كۈچلۈك قالدۇق يەر تەۋرىدى. ھازىر، يەر تەۋرەشتە نېپال چېگرىسى ئىچىدە ئاز دېگەندە 2430 كىشى قازا قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا 4000 كىشى يارىلاندى. جۇڭگونىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ھەم ھىندىستان، باڭلادېش، بۇتان قاتارلىق جايلاردا كىشىلەرنىڭ تالاپەت ئەھۋالى كۆرۈلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى يەر تەۋرەشتىن كېيىن نېپالنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەييارلاپ، ئىمكانقەدەر تېزدىن نېپالدىكى ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈپ بەردى ۋە بېرىۋاتىدۇ.جۇڭگو خەلقئارا قۇتقۇزۇش ئەترىتى نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن 26-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن نېپالنىڭ پايتەختى كاتماندۇدىكى ترىبۇخۇۋەن خەلقئارا ئايرودرومىغا كېلىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغان رايونىغا بېرىپ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى باشلىۋەتتى. جۇڭگو خەلقئارا قۇتقۇزۇش ئەترىتى نېپالغا تۇنجى بولۇپ بارغان ب د ت نىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن مۇھىم خەلقئارا قۇتقۇزۇش ئەترىتى. قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى، جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى يەر تەۋرەش ئاپىتى جىددىي قۇتقۇزۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاۋ مىڭ مۇنداق دېدى: قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىكى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا كۆپ قېتىم قاتناشقان، قۇتقۇزۇش تەجرىبىسى ناھايىتى مول.نېپال زۇڭلىسى ۋە مىنىستىرلار كېڭىشى ئىشخانىسىنىڭ بىرلەشمە كاتىپى شانكار پراساد كويرالا ئايرودرومدا قىسقىچە سۆز قىلىپ، جۇڭگو خەلقئارا قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە بۇنىڭ كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان نېپالغا نىسبەتەن چوڭ ياردەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر