ئەنگلىيەنىڭ لوندوندىكى مۇھىم بىر ئۈنچە-مەرۋايىن سودا رايونى خاتتون باغچىسى بىخەتەرلىك ئىشكاپى چەكلىك شىركىتىدە 3-ئاپرېل ئوغرىلىق دېلوسى يۈز بېرىپ، 200 مىليون فوندستېرلىڭ ( تەخمىنەن 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر ) قىممىتىدىكى ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە نەق پۇل ئوغرىلانغان. نۆۋەتتە، ساقچى تەرەپ ئەنگلىيە تارىخىدا يۈز بەرگەن بۇ ئەڭ چوڭ ئوغرىلىق دېلوسىنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.
خاتتون باغچىسى داڭلىق ئۈنچە-مەرۋايىت سودا مەركىزى بولۇپ، بۇ يەرگە 300 دىن ئارتۇق ئالماس، سېرىق ئالتۇن ۋە ئۈنچە-مەرۋايىت سودىگىرى ۋە 50 دىن ئارتۇق دۇكان ئورۇنلاشقان. شۇ كۈنى خاتتون باغچىسى تىجارەت توختىتىپ ھەپتە ئاخىرىدىكى پاسخا بايرىمىنى كۈتۈۋالغان. نۇرغۇن ئۈنچە- مەرۋايىت سودىگىرى پاسخا بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۈنچە-مەرۋايىتلىرىنى ۋاقتىنچە بىخەتەرلىك ئىشكاپىغا سېلىپ قويغان. بۇ قېتىملىق بۇلاڭچىلىق دېلوسى 7-ئاپرېل دەم ئېلىش ئاياغلاشقاندا ئاندىن بايقالغان.