باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھەربىي ئىتتىپاقداشلىرى رايون كىرزىسىنى پەسەيتەلەمدۇ-يوق؟

2015.04.01 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى كۈن ئېچىلغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۈلۈشكۈن مىسىردا يېپىلدى. يىغىندا «ئەرەب ئەللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش» باش تېمىسىدىكى خىتابنامە ماقۇللاندى، ئەرەب ئەللىرى بىرلەشمە قىسمى تەشكىللەش قارار قىلىندى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بىرلەشمە قىسىم يەمەن كىرزىسىنىڭ تۈرتكىسىدە ۋۇجۇتقا كېلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرىدىغان يېڭى تەدبىرىگە ئايلاندى، لېكىن بىرلەشمە قىسىمنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە ھەرىكەتكە كېلىشىنىڭ كونكرېت تەپسىلاتى ھەمدە قۇرۇلغاندىن كېيىن تىگىشلىك رولىنى جارى قىلىپ، رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداش رولىنى ھەقىقىي ئوينىيالامدۇ يوق بۇنىسى نامەلۇم.

  ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەرەبى بىرلەشمە قىسىم تەشكىللەش قارارىنى جاكارلىغاندا: بۇ ئەرەب ئەللىرى نامىدا مەشغۇلات قىلىدىغان ھەربىي كۈچ بولۇپ، مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە دېدى.

  ئۆتكەن ئايدا مىسىردىكى 21 كوپىت تۇتقۇننى ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەدىكى تارمىقى قەتلە قىلدى. ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ كۈچلىرى شىمالىي ئافرىقا رايوندا شىددەت بىلەن كېڭىيىپ، غەربىي سىناي ئارىلىدىكى قوراللىق كۈچلەر بىلەن قوشۇلۇپ، ئۇزۇن مۇددەت مىسىرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان ئامىل بولۇپ قالدى. مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئەرەب ئەللىرى بىرلەشمە قىسمى تەشكىللەپ، رايون بىخەتەرلىك خىرىسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويدى.

  بۇ تەشەببۇس سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق ئوتتۇرا شەرقتىكى چوڭ دۆلەتلەر ھەمدە مىسىرنىڭ بەزى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان مەزھەپلەر توقۇنۇشى، ئوخشىمىغان مەزھەپلەر ئوتتۇرسىدىكى قارشىلىشىشلار ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھەربىي ئىتتىپاق تەشكىللەشكە قوشۇلۇشىدىكى تۈرتكىلىك ئامىللارنىڭ بىرى.

  ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلىشتىن بۇرۇن، يەمەننىڭ ۋەزىيىتى تۇيۇقسىز يامانلىشىپ كەتتى. قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ كۈچى كېڭىيىپ، يەمەن چېگراسىنى كونترول قىلىۋالدى. بۇ ئىشلار بىلەن ئىزچىل كارى بولماي كەلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق سۈنئىي مەزھىپىدىكى چوڭ دۆلەتلەر يەمەنگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشتەك كەسكىن قارارنى چىقاردى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ تەھدىتى ئېشىۋاتقان، مەزھەپلەر كۈرىشى ئېغىرلاۋاتقان ھالقىلىق مەزگىلدە، ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھەربىي ئىتتىپاق تەشكىللىشى نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەرەب ئەللىرى بولۇپمۇ سۈنئىي مەزھىپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى. بۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھەربىي ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى ئاساسلىق يۈزلىنىش بولىدۇ.

  ئەرەب بىرلەشمە قىسىمنى قانداق تەشكىللەش توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە مەن كەلگۈسى بىر ئايدا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئارمىيەلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، قىسىمنى تەشكىللەش ۋە يۈرۈشتۈرۈشنىڭ كونكرېت لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىمەن دېدى.

  لېكىن يىغىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر قارار لاھىيەسىگە قارىغاندا، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىرلەشمە قىسمى قۇرۇشتا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىغا بېقىش پىرىنسىپىغا بوي سۇنۇلىدىكەن. لاھىيەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا، بىرلەشمە قىسىم ئەزا دۆلەتنىڭ كونكرېت تەلىپى بويىچە شۇ دۆلەتنىڭ ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىدۇ، ئەزا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ. لېكىن بىرلەشمە قىسىم تەشكىللەش ئۇسۇلى، ئارمىيە كۆلۈمى، ھەمكارلىق مېخانىزىمى، يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسى ۋە مەبلەغ مەنبەسى قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەر مەيلى لاھىيەدە بولسۇن ياكى يىغىننىڭ ھۆكۈمەت باياناتىدا بولسۇن قەتئىي تىلغا ئېلىنمىدى.

  بۇندىن باشقا، ھازىرقى ۋەزىيەتتە، بۇ ھەربىي ئىتتىپاق بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى باشلامچىلىق قىلىۋاتقان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى، كوۋەيت ۋە ئىيوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان يەمەنگە قوللانغان بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئىقتىدارى ۋە رولىنى قانداق ئايرىش ۋە بەلگىلەش، شۇنداقلا بىر-بىرىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن قانداق ساقلىنىش مەسىلىسى سىرتتىكىلەر دىققەت قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى.

  مىسىرنىڭ ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى تەلئەت مۇسالام مۇنداق دېدى: ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئامىل ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتى، ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ كۈچلىرى ئۆزگىرىپ تۇردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇنلىغان تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ، كەلگۈسىدە بىرلەشمە قىسىم تەشكىللەش يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرگە يولىقىدۇ.

  تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئەرەب ئەللىرى ئەگەر بىرلەشمە قىسىم تەشكىللەشنى پۇرسەت بىلىپ، مۇكەممەل بولغان يۈرۈشتۈرۈش ۋە ماسلىشىش مېخانىزىمى بەرپا قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۈستۈلۈكىنى جارى قىلدۇرالىسا، ئۇلارنىڭ ھەربىي ئىتتىپاقىغا سەل قاراشقا بولمايدىكەن. ئەگەر ئىچكى ۋە تاشقى ناچار ئاممىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، ئۇنداقتا بۇ بىرلەشمە قىسىم ئۆزىنىڭ فۇنكىسىيەسىنى جارى قىلدۇرالمايدىكەن، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقاندەك ئىش بولىشى مۇمكىنكەن.

  مىسىرنىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى سەئىد روئىندى مۇنداق دېدى: بىرلەشمە قىسىم تەشكىللەش ئاغزاكى ۋەدە بېرىشتەك ئۇنداق ئاسان ئەمەس، بۇنىڭدا ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك. ھازىرقى باسقۇچتىن قارىغاندا، ئورتاق بولغان رايون ۋە دىنىي مەنپەئەت ئارقىلىق بىرلەشمە قىسىم تەشكىللەشتىكى ھەرخىل توساقلارنى بۆسۈش قىيىن.

  بىرىنچىدىن، ئوتتۇرا شەرقنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ۋەزىيىتى ئىزچىل ناچار بولدى، دىندىن خالىي كۈچلەر ۋە دىنىي كۈچلەر، سۈنىي مەزھىپىدىكىلەر ۋە شىئە مەزھىپىدىكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماجرا كۈچىيىپ كەتتى، بىرلەشمە قسىمنىڭ ئەرەب ئەللىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى رولىنى قانداق قىلىپ ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش ھەر قايسى تەرەپلەر ئويلىشىشقا تىگىشلىك مۇھىم نۇقتا. ئەگەر ھەربىي ئىتتىپاقنىڭ رولىنى بېكىتىش ياخشى بولمىسا، بىر تەرەپ ياكى بىر قانچە تەرەپنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت سالىدىغان ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا زورلۇق بىلەن ئارىلىشىدىغان قورالىغا ئايلىنىپ قالسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن ناچار بولىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، غەرب ئەللىرىنىڭ ئەرەب رايونىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا زورلۇق بىلەن ئارىلىشىشى بىلەن بۇ رايون ھەر قايسى كۈچلەر كۈچ سىنىشىدىغان مەيدانغا ئايلىپ قالدى. تەلئەت مۇسالام مۇنداق دېدى: غەرب ئەللىرى بولۇپمۇ ئامېرىكا كۆپ يىللاردىن بۇيان بۇ رايوندا مالىمانچىلىق تۇغدۇرۇپ، بۇنىڭدىن نەپ ئالدى، شۇڭا ھەر قايسى ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھەربىي ئالاقىنى كۈچەيتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇلغاندىن كېيىن ھەر قايسى ئەرەب ئەللىرى ئىچكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ئىتتىپاقنىڭ مەزكۇر رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە مۇلازىمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يامان غەرەزلىك تاشقى كۈچلەرنىڭ كونترول قىلىشى ۋە پايدىلىنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر