باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىچى ۋە تاشقى قىيىنچىلىق يەمەن ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يامانلاشتۇرۇۋەتتى

2015.03.31 17:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  {ھادى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدە سىياسىي كۈچلەر بىلەن يارىشىش سۆھبىتىنى باشلاپ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سابىق ھاكىمىيەت، قەبىلە قوراللىقلىرى ھەمدە بۆلگۈنچى كۈچلەرنى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاندىن ئىقتىسادى ئىسلاھات ئېلىش بېرىشنى ئۈمىد قىلدى. ھالبۇكى ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى. ئۈچ يىل سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق يەمەن ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز يامانلىشىپ كەتتى.}

  تۈنۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر يەمەندىكى شىئە مەزھىپىدىكى قۇسەي قوراللىقلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان ئۈچىنچى كۈن، قۇسەي قوراللىقلىرى داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەپ، يەمەن زۇڭتۇڭى ھادىنىڭ پاناھگايى بولغان ئادېنغىچە قىستاپ باردى. ھادى ئەرەب ئەللىرى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈلۈشكۈن كەچتە مىسىرنىڭ شەمشەيىخكە بارغان ئىدى.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: كۆپ دۆلەتنىڭ ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشى يەمەن ۋەزىيىتىنى پەسەيتەلمەيدۇ، يەمەننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى داۋالغۇشنىڭ ئاقىۋىتى؛ يەمەندە سىرتقى كۈچلەرنىڭ كۈچلۈك ئارىلىشىشى بىلەن ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن يارىسى تېخى ساقايمىدى، بۇنى قايتىدىن مەجبۇرىي تىكىش يارا ئېغىزىنى يەنىمۇ ئېغىرلىتىۋېتىدۇ.

  2011-يىلى غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىدا ئېغىر سىياسىي داۋالغۇش يۈز بەردى، يەمەنمۇ سىياسىي داۋالغۇشقا پېتىپ قالدى، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قانلىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتتى. پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگىلى 30 نەچچە يىل بولغان يەمەن زۇڭتۇڭى سالىھ 2012-يىلى ھوقۇقنى ھادىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

  ھادى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدە سىياسىي كۈچلەر بىلەن يارىشىش سۆھبىتىنى باشلاپ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سابىق ھاكىمىيەت، قەبىلە قوراللىقلىرى ھەمدە بۆلگۈنچى كۈچلەرنى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاندىن ئىقتىسادى ئىسلاھات ئېلىش بېرىشنى ئۈمىد قىلدى. ھالبۇكى ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى. ئۈچ يىل سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق يەمەن ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز يامانلىشىپ كەتتى.

  يەمەن ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشىدا تاشقى سەۋەب بار. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر يەمەن ھۆكۈمىتىدە سىياسىي يارىشىش مۇساپىسى ئاستا بولماقتا، چېرىكلىك مەسىلىسى ئېغىر بولماقتا دېگەننى باھانە قىلىپ، ياردەمنى كەينىگە سۈرۈپ، يەمەننىڭ ئىقتىسادى كاساتلاشتۇرۇۋەتتى. يەرلىك قوراللىقلار توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاپ نېفىت گاز بايلىقىنى ئىگىلىۋالدى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلدى، نۇرغۇن جايلاردا قوراللىق توقۇنۇشلار ئۈزۈلمىدى.

  سانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىيشۇناسلىق پىروفېسسورى سالىھ ئىچكى سەۋەبكە قارىتا مۇنداق دەپ قارىدى: ھادى ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن پارس قولتۇقى ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى كېلىشىمى دېگەن نام بىلەن دۆلەت ئىچىدە بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى يولغا قويدى، بۇنىڭدىن مەقسەت سالىھنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، ئۆزىنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن كېيىن ئۇدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىشىغا يول ئېچىشتىن ئىبارەت. ھادىنىڭ ئىسلاھاتى سالىھنىڭ سىياسىيغا قايتىدىن قايتىپ كېلىش پىلانىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغانلىقتىن، ئىككىيلەننىڭ زىددىيىتى بارغانسېرى ئېغىرلاپ كەتتى.

  سالىھنىڭ قارىشىچە ئۇ گەرچە سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى ئارقىسىدا ھوقۇقنى ھادىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يەمەندە 30 نەچچە يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە توپلىغان ئاساسى يەمەننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سالىھ كۈچلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنى چۈشەپ قويۇشى بىلەن قۇسەي قوراللىقلىرى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنى ئاسانلا مەغلۇپ قىلغان.

  قۇسەي قوراللىقلىرى يەمەندىكى ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغان ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار بولۇپ، ئاساسلىقى شىئە مەزھىپىدىكى خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەركىب تاپقان. سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىراندىكى شىئە مەزھىپىدىكى ھاكىمىيەتنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان قۇسەي قوراللىقلىرىنى ھەربىي ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن قوللاپ كەلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى، ئىران بولسا بۇنى ئىنكار قىلىپ: قۇسەي قوراللىقلىرىغا زۆرۈر بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىلا بەردۇق دېدى.

  جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىران رايوندىكى چوڭ دۆلەت، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ زىددىيىتىگە ئۇزۇن بولدى. شۇڭا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى: ئىران ئۆزىنىڭ ۋاكالەتچىسى ئارقىلىق يەمەندە ھوقۇق تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئەنئەنىۋى كۈچ دائىرىسىگە تەھدىت پەيدا قىلغاندىن كېيىن، ھادى سىرتقى كۈچلەردىن ئارىلىشىشنى تەلەپ قىلىپ دەسلەپتىلا قۇسەي قوراللىقلىرىغا ھۇجۇم قوزغىدى دەپ ھېسابلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر