باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن دۆلەتلەرنى جەلپ قىلىدۇ؟

2015.03.24 17:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە ئۆتكەن ھەپتىدە جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا قاتناشقانلىقىنى جاكارلىدىغاندىن كېيىن، بۇ ھەپتىدە فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيەمۇ بۇ بانكىغا قاتناشقانلىقىنى جاكارلىدى. نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان ئەللەر بۇ مەسىلىسى توغرىسىدا ئاخىرقى باسقۇچتىكى ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى تۈزمەكتە.

  ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە ياۋروپادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر، شۇنداقلا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ياۋرو رايونىنىڭ باشلامچىلىرى. غەربتىكى 7 دۆلەت گۇرۇھى ئىچىدە يېرىمدىن ئارتۇق دۆلەت بۇ بانكىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلدى. بۇ ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئاسىيانىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتقانلىقى، بۇ بانكىنىڭ ئىستىقبالىغا ياخشى قارىغانلىقى، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىش ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشقا بولغان ئىجابىي ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا قاتنىشىشنى تاللىغانلىقى- ئاسىيانىڭ كەلگۈسىگە ئوبدان قارىغانلىقىدىن بولغان، تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر قىممەتلىك مەبلەغ سېلىشتىكى ئاقىلانىلىك ھەرىكەت.

  نۆۋەتتە پۈتۈن يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى كۈچسىز بولۇۋاتىدۇ. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ھەم ئاسىيا رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىگە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق، ھەم ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ رايون سىرتىدىكى دۆلەتلەرنى كەڭ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. دەل ئەنگلىيەنىڭ مالىيە ۋەزىرى ئوسبېن ئېيتقاندەك: ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى دەسلەپكى قۇرۇلۇۋاتقان باسقۇچتا ئەنگلىيەنىڭ بۇ بانكىغا قاتنىشىشى ئەنگلىيە بىلەن ئاسىيانىڭ بىرلىكتە مەبلەغ سېلىشى، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.

  يەر شارى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بۇ بانكىغا قاتنىشىشى تىنچ ئوكيان رايونى بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان رايونىنى تۇتاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولىدۇ. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ھازىرقى خەلقئارا ئىقتىسادى تەرتىپكە نىسبەتەن پايدىلىق تولۇقلىما، شۇنداقلا شەرق بىلەن غەربنىڭ قول تۇتاشقانلىقىنىڭ يېڭى ئۈلگىسى، بۇ ئاسىيا ھەتتا دۇنيانىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياۋروپا ئەللىرى بىلەن ئاسىيا ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى،ئىقتىسادنىڭ مۇھىم نۇقتىسى شەرققە قاراپ يۆتكەلدى. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇشتىن مەقسەت- ئاسىيا رايونىنىڭ قاتناش، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش. فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا خەلقئارا ھەمكارلىق شېرىكلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، تىزگىنلەش، قەرز ھەمدە ئاممىۋىي قۇرۇلۇش قاتارلىق ساھەلەردە يۇقىرى ئۆلچەمگە ئەمەل قىلىدىغان ئاپپاراتنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى دېۋىلپان ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قىزغىن دولقۇنىنى كۈتۈۋالىدۇ، مول شەھەر قۇرۇلۇشى تەجرىبىسىگە ئىگە فىرانسىيە، شۇنداقلا ياۋروپا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر