باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت پارتلىغانلىقىغا بەش يىل بولاي سۇرىيە كىرىزىسىگە خاتىمە بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2015.03.24 16:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە كىرىزىسى پارتلىغانلىقىغا بەش يىل بولاي دەپ قالدى، بۇ جەرياندا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالغانلىقتىن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتكە ئايلىنىپ قالدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن ئورگانلىرىمۇ سۇرىيە توقۇنۇشىغا ۋە پۇقرالارغا ئىلىپ كېلىنگەن جاپالىق تۇرمۇشقا تېزدىن خاتىمە بېرىشنى بىرلىكتە مۇراجىئەت قىلدى.

  15-مارت، داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سۇرىيە كىرىزىسى بەشىنچى يىلغا قەدەم قويدى، 14-مارت، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرۇننەن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۇرىيەنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئورنىنى ئىلىپ، تېخىمۇ كۆپ تەسىرگە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ. بىر قىسىم تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكا ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا، سۇرىيەنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىگە بولغان مەيدانىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمىغان بولسىمۇ، بىراق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىشى نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش بولۇپ قالغان. بۇ داۋاملاشقىنىغا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان سۇرىيە كىرىزىسىدە يېڭى ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي كۈچلىرىنىڭ مەزكۇر رايونىدىكى تەسىرىنىڭ تەدرىجىي ھالدا چەتئەللەرنىڭ سۇرىيەنىڭ ھازىرقى ھاكىمىيتىنى بىكار قىلىشتىكى تالاش تارتىشىنىڭ ئورنىغا ئۇتۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەر ئورتاق دىققەت قىلىدىغان نۇقتىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرسەتتى.

  كىرىزىس پارتلىغاندىن باشلاپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى لاگېرى باشارنى تەختتىن چۈشۈرۈش مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. 2013- يىلى، ئامېرىكا، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى خىمىيىۋى قوراللارنى ئىشلىتىش قىزىل سىزىقىدىن ئېشىپ كەتتى دېگەننى باھانە قىلىپ، سۇرىيەگە بىۋاسىتە قوراللىق زەربە بېرىش توغرىسىدا تەھدىت سالدى. نۆۋەتتە سۇرىيە ھۆكۈمىتى بارلىق خىمىيىۋى قوراللارنى مەلۇم قىلىشنىڭ يادرولۇق خىزمىتىنى پۈتۈنلەي ئورۇنداپ بولدى، ئامېرىكىنىڭ خىمىيىۋى قوراللارنى باھانە قىلىپ سۇرىيەگە بىۋاسىتە ئەسكەر چىقىرىش ساداسىمۇ تەدرىجىي ئاجىزلىدى.

  يېقىندا، باشار تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئۆكتىچى كۈچلەرنى مەبلەغ ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن قوللىشى ئالدىدا، ئەگەر سۇرىيە ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ قوللىشى بولمىسا، بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى كىرىزىسىدىن ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باشار شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەرب ئەللىرىنىڭ باشقىلارنى يېتىم قالدۇرۇش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشىنى مۇراجىئەت قىلدى . بىر دۆلەتتىن باش ئەلچىلىرىنى چېكىندۈرۈش، ئەلچىخانىلىرىنى تاقاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يەنە بىر دۆلەتنى سىرتتا قالدۇرۇشى ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنى يېتىم قالدۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ئەمەلىيەتتە، كىرىزىسىنىڭ دەسلىپىدە يېتىم قېلىش ھالىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى تاشقى مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. گەرچە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جازاسىغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە ، ئىران ۋە لىۋاندىكى ئاللاھ پارتىيەسى داۋاملىق قوللاپ كەلدى. ئۇندىن باشقا، دۈشمەن لاگېردا سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان مەيدانىدىمۇ يېقىندىن بۇيان بۇرۇلۇش بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى بېرەسمىي ئۇچرىشىشلار كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇ يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئوخشاش بولمىغان پارتىيەگە قاراشلىق فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆت نەپەر ئەزاسى شەخسى نام بىلەن سۇرىيەدە زىيارەتتە بولدى، ھەمدە سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشار بىلەن كۆرۈشتى. سۇرىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تېمىسى ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە چېتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ۋەكىلىمۇ يېقىندا سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھۆكۈمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولمىغان ئۇچرىشىشلارنى ئىلىپ بارغان. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتەك ئورتاق تەلەپ ئالدىدا، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ باشارنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىش سادالىرى بىر ئاز ئاجىزلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشار بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىشىش سادالىرى بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. ئامېرىكىدا چىقىدىغان نىيۇيورك ۋاقتى گېزىتى بۇ يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۇرىيەنىڭ تىنچلىق تەشەببۇسىنى قوللاش كۈچىنى زورايتتى دېيىلدى. ماقالىدا، غەرب ئەللىرى سۇرىيە زۇڭتۇڭىنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىش ساداسىنى ئاستا-ئاستا ئاجىزلاشتۇرماقتا دەپ ھېسابلىدى.

  خەلقئارا قاتلامدا، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەختتىن چۈشۈش بېسىمىمۇ يېنىكلىدى. 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دىمىس تۇرا مۇنداق دېدى: سۇرىيەدىكى زوراۋانلىقنى ئازايتىشتىكى ھەر قانداق لايىھەگە ھازىرقى زۇڭتۇڭ باشار قاتنىشىشى كېرەك . بۇ سۆزنىڭ مەزمۇنى، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يەنىلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇش رامكىسىنىڭ تەركىبى قىسىمى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان تۇرمۇش گېزىتىنىڭ ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سۇرىيە ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئاستا ئاستا ئەسلىگە كەلتۈرمەكتە، كىرىزىسىنىڭ داۋاملىشىپ ھەل قىلىنماي ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ قۇرال كۈچى بىلەن سۇرىيەنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش مۇمكىنچىلىكىمۇ بارغانسېرى ئازايماقتا.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۇرىيە كىرىزىسى ئىچكى ئۇرۇشتىن كۆپ تەرەپلەر قاتناشقان ۋاكالەتچىلارنىڭ ئۇرۇشىغا ئايلاندى. ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى، بازا تەشكىلاتى شۆبىسى بولغان نۇسرا فرونتى سۇرىيە بىلەن ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردە جانلاندى. سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى، كۇرد خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرى ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاق ئايرىم ئايرىم ھالدا ئۇلارنى قورشاۋ ئىچىگە ئالدى. سۇرىيە كىرىزىسى بۇنىڭ بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتەك يېڭى يولغا كىردى.

  سۇرىيەدىكى نەچچە مىڭ ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەردە مۆتىدىل كۈچلەر ئازىيىشتەك يۈزلىنىش بارلىققا كەلدى. سۇرىيە ئەركىنلىك ئارمىيەسى ھەمدە تۇنجى قېتىم ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر غازىم ھەرىكىتى ئاساسى جەھەتتىن يوقالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش توختىمىدى، بىراق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان قارشىلىشىش يەنىلا ئەسەبىي تۈسىنى ئالغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىدىن بولدى. بۇنىڭ تەسىرى بىلەن، كۆپلىگەن ئۆكتىچى گۇرۇھلار ئىتتىپاقىنى تارقىتىۋېتىش ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا تايىنىش ئۇسۇلى بىلەن كۈرەش قىلغانلىقتىن ئۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپ ئەسەبىيلىك ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقتى.

  ئامېرىكا بىلەن سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىشىش مۇناسىۋىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىشىش كۈچى شەكىللەنمىدى. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي كۈچلىرىگە زەربە بېرىشتىكى ھەربىي ھەرىكەتتە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ماسلىشىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئېشىنىش كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللاندى.

  ئامېرىكا يەنىلا سۇرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرنى تەربىيەلەش ئارقىلىق سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۇرۇش قىلغىنى پىلانلىماقتا. 13-مارت، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىگە تېخىمۇ كۆپ جانغا زامىن بولمايدىغان قۇراللار بىلەن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى، ئامېرىكا تەرەپ ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلىرىنى تۈركىيەدە تەربىيەلەش ئۈچۈن مىڭ ئوفىتسېرىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى، ئۇ يىل ئىچىدە 15 مىڭ كىشىنى تەيىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكا بىر تەرەپتىن سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى باھانە قىلىپ ئەسەبىي كۈچلەرگە بېسىم ئىشلەتسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىنى مەشىق قىلدۇرماقتا. بۇنداق مۇكەممەل بولمىغان ئىستراتېگىيە سۇرىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىگە پايدىسىز.

  سام قانىلى رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىرى خۇسام مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى پوزىتسىيەسى سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە دوستلۇقنى ئىپادىلىگەندەك بولماستىن، بەلكى ئەسكىرى كۈچنى ئاجىزلاشتۇرۇش پىلانى بولۇپ، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتقا ئېرىشىشتىن ئىبارەت. سۇرىيە كىرىزىسىنىڭ ئەسەبىيلىشىشى ۋە ۋاكالەتچىلار ئۇرۇش ۋەزىيىتى يەنىلا داۋاملىشىدۇ.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تور بېكىتىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى، مۇساپىرلار مەھكىمىسى ۋە بالىلار فوندى تەشكىلاتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يېقىندا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە سۇرىيە توقۇنۇشىدىن ئىبارەت كىشى ئېچىندۈرىدىغان بۇ كىرىزىسىنىڭ بەشىنچى يىلغا قەدەم قويغانلىقىنى ھەمدە بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ بۇ كىرىزىس ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بارلىق زۆرۈر بولغان ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ توقۇنۇشقا ۋە بۇلار ئىلىپ كەلگەن چوڭقۇر ئازابلارغا تېزدىن خاتىمە بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: نۆۋەتتىكى ئۇرۇش مەيدانىدىكى پاجىئەلەرنىڭ داۋملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى، غەزەپلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئىچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇرۇش مەيدانىغا كېرىپ قالغان بارلىق كىشىلەرگە، بولۇپمۇ ئالاھىدە ئاجىز كوللېكتىپ ، ئۇرۇش رايونىدا قامىلىپ قالغانلار ۋە ئوي ماكانسىز قالغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن داۋاملىق ئەڭ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

  باياناتنىڭ ئاخىردا مۇنداق دېيىلدى: سۇرىيە خەلقى، ھەتتا پۈتكۈل دۇنيا خەلقى توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئازابلارنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلماقتا ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى ئارزۇ قىلماقتا. بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ساداسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر