باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستاندا ھاۋا بۇلغىنىشى ئېغىر بولماقتا

2015.03.24 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شياڭگاڭ «مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ 16–مارت خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاندا ھاۋا بۇلغىنىش كۈنسايىن ئېغىرلاشقان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتكۈل يەر شارى بويىچە ھاۋا بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر 20 شەھەرنىڭ 13 ى ھىندىستاندا ئىكەن، پايتەخت يېڭى دېھلى پۈتكۈل يەر شارى بويىچە بۇلغىنىش ئەڭ ئېغىر شەھەر بولۇپ، ھاۋا بۇلغىنىش سەۋىيەسى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىدىن 60 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھىندىستاننىڭ ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى نىسبەتەن قالاق بولغاچقا، كىشلەر بەس بەستە شەخسىي ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، قاتناش قىستاڭچىلىقىنى ئېغىرلاتقاندىن سىرت، يەنە نۇرغۇن كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىلىپ، بۇلغىنىشقا «ھەسسە قوشقان». بۇنىڭدىن باشقا، ھىندىستاندا ئاساسلىقى كۆمۈردىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىلىدىغان بولۇپ، ئېلېكتىر زاۋۇتلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرى قالاق، بۇلغىنىشنى چەكلەش تارماقلىرىدا ئەمەلىي ھوقۇق بولمىغاچقا، بۇمۇ ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنى ئېغىرلىتىۋەتكەن.

  ھىندىستاندا نۇرغۇن كىشىلەر ئىقتىساد تەرەققىي قىلىدىكەن، ھاۋادا چوقۇم بۇلغىنىش بولىدۇ دەپ قارايدىكەن. مۇھىت مىنىستىرى جاۋادكار: نامراتلىقنى تۈگىتىشنى ئالدىن نىشان قىلىش كېرەك، شۇڭا كۆمۈر قالاشنى ئازايتىشقا بولمايدۇ، دېگەن. يەرلىك دائىرىلەر يەنە كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە كۆمۈر قالاپ توك چىقىرىش زاۋۇتلىرىنى بىر ھەسسە كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھۆكۈمەت بۇلتۇر دىزېل تولۇقلىمىسى بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېڭى دېھلىدىكى دىزېل كۆيدۈرىدىغان ئاپتوموبىللاردىن قوشۇمچە ھەق ئېلىشنى باشلىغان، بىراق بۇ تەدبىرلەر ھەرگىزمۇ يېتەرلىك ئەمەس.

  ئامېرىكىدىكى بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستاندىكى 700 مىليون ئادەمنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش سەۋەبلىك ئوتتۇرىچە ئۆمرى 3.2 يىل قىسقىراپ كەتكەن، يەنە بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى شۇ يەردىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارىنى ئۈچتىن بىر قىسىم ئازايتىۋەتكەن، بەزى تەتقىقاتچىلار ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە مۇھىت قوغداشقا دائىر يېڭى تېخنىكىلارنى ئېچىش، مۇھىت ۋە ئىقتىسادقا تەڭ ئېتىبار بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر