باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كېڭەش پالاتا ئەزاسى كرۇز 2016- يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلارنى جاكارلىغان تۇنجى كىشى بولۇپ قالدى

2015.03.24 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشنگتون، 23- مارت تېلېگراممىسى. ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىدىن جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى تېد كرۇز 23- مارت 2016- يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ جاكارلىدى.

  كرۇز شۇ كۈنى ۋېرگىنىيە ئىشتاتىدىكى لىبرىي ئۇنىۋېرىستېتىدا سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن قىلغان تۇنجى نۇتقىدا:«بۈگۈندىن باشلاپ زۇڭتۇڭ سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىشقا تەييارلىق كۆرىمەن»،دېدى. ئۇنىڭ نۇتقىدا باشتىن ئاخىر تەسەۋۋۇر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، قوللىغۇچىلىرىنى ئۆزى زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ كېلىدىغان تۈرلۈك ياخشى ئىشلار ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.

  كرۇز ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى لايىھەسىنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا«مەغلۇپ بولغان قانۇن» دەپ تەنقىد قىلىپ، زۇڭتۇڭ بولۇپلا قالسام، بۇ قانۇن لايىھەسىنى بىكار قىلىمەن، دېدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر