باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيەلىكلەر تىلغا ئېلىشنى خالىمايدىغان «خاتىرە كۈنى»

2015.03.24 16:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىي 15-مارت ئادەتتىكى پوزىتسىيەسىنى تامامەن ئۆزگەرتىپ، سۈرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئەسەد بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى خاف ئارقىدىن مۇنداق دېدى: كېررىي پەقەت ئامېرىكىنىڭ ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىدى، سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىمەن، دېدى، ئەمما باشار ئەسەد بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىمەن، دېمىدى. 15-مارت سۈرىيە كىرىزىسى باشلانغانلىقىنىڭ تۆت يىللىق كۈنى دەپ قارىلىدۇ، شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كۈندىكى ئىپادىسى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  بوران-چاپقۇننىڭ ئىچىدە تۇرىۋاتقان سۈرىيەلىكلەر بۇ «خاتىرە كۈنى»گە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. سۈرىيەنىڭ دېڭىز بويىدىكى لاتتاكىئا شەھىرىدە كېتىۋېتىپ، كىشىلەردىن بۇ كۈننىڭ نېمە كۈن ئىكەنلىكىنى سورىسىڭىز، كۆپىنچە كىشىلەر يەكشەنبە دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

  چەتئەلدىكىلەر ناھايىتى مۇھىم دەپ قارىغان بۇ كۈنگە نېمە ئۈچۈن سۈرىيەلىكلەر پەرۋا قىلمايدۇ؟

  2011-يىلى 15-مارت سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ باشلىنىش كۈنى دەپ قارىلىشىدىكى سەۋەب، شۇ كۈنى سۈرىيە پايتەختى دەمەشىق، بىرىنچى چوڭ شەھەر ھەلەپ ھەمدە جەنۇبىي قىسىمدىكى دىرا شەھەرلىرىدە چوڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش كۆتۈرۈلدى. ئارقىدىن نامايىش پائالىيىتى داۋاملىق ئەۋج ئېلىپ، ئاخىرىدا ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ قوراللىق توقۇنىشىغا ئايلاندى.

  شۇڭا كىرىزىسنىڭ باشلىنىشى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشنى چىڭ باغلىۋېلىش، كىشىلەرگە سۈرىيەلىكلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە ئۆچمەنلىكى بەك چوڭقۇركەن، شۇڭا سۈرىيەنى قالايمىقانچىلىق پاتقىقىغا ئىتتىرىپتۇ، دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ.

  ئەمما، سۈرىيە ھۆكۈمىتى بۇنداق لوگىكىلىق مۇناسىۋەتنى ئېتراپ قىلمايدۇ. سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە، كىرىزىسنىڭ سەۋەبى نامايىشنىڭ قوراللىق توقۇنۇشقا ئۆزگىرىپ كېتىشى بولماستىن، بەلكى غەربتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇزاق مەزگىل ئۇرۇنغانلىقىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىكەن.

  سۈرىيە زۇڭتۇڭى باشار بۇرۇن بىر قېتىم زىيارەت قوبۇل قىلغاندا: نامايىش باشلىنىشى بىلەنلا بىر قىسىم ئەسكەر-ساقچىلار نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈلدى ۋە يارىلاندۇرۇلدى، ھۆكۈمەت ۋەزىيەتنى تىزگىنلىمەكچى بولغاندا، تىنچ نامايىش قىلدۇق دەۋالغان بىر قىسىم ئاتالمىش «پۇقرالار» دەرھال قورالغا ئىگە بولدى. ناۋادا ئالدىن پىلانلانمىغان بولسا، بۇنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ، دېدى.

  سوپۇن سودىگىرى ئەھمەد ناجالنىڭ قارىشىچە، سۈرىيەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى غەرب ئەللىرى بىلەن پارس قولتۇقىدىكى بىرقىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئويۇنىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. ئەھمەد ناجال بۇرۇن ئىنىسى بىلەن بىرگە شىمالدىكى ھەلەپ شەھىرىدە بىر زاۋۇتنى ماڭدۇرۇۋاتقان بولۇپ، بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ئىككى يىل بۇرۇن ئائىلىسى بىلەن بىرگە ھۆكۈمەت كونتروللىقىدىكى دېڭىز بويى رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ قايتا ماكانلاشقان. ئۇنىڭ ئىنىسى مەھمۇد ناجال مۇنداق دەيدۇ: سۈرىيەدە پەيدا بولغان مەسىلىلەرنىڭ تۈپ يىلتىزى غەرب ئەللىرىدە، ھازىر مەسىلىلەرنىڭ تۈگىمەسلىكىدىكى سەۋەبمۇ غەرب ئەللىرىدە.

  ئۇ قاخشىغاچ: «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»، «قوللاش فىرونتى» دېگەندەك ئەسەبىي تەشكىلاتلار تۈگىمەستىن، بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتتى، دېدى.

  سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن يۈز بەرگەنلىكى، نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ئاياقلاشمىغانلىقىنى بىلىش بۇ ئاكا-ئۇكىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭغا قارىغاندا ئاتالمىش «خاتىرە كۈنى»نىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى يوق.

  ئەھمەد ناجال مۇنداق دەيدۇ: ھازىرقى ئەھۋالدا نىشانىم تىرىك يۈرۈش، بىرەر كۈن، بىرەر ئاي، بىرەر يىل بولسىمۇ كۆپرەك ياشاش. تۆت يىل بولدى، قارىغاندا تەلىيىم بار ئوخشايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر