خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-مارت، باردو مۇزېيىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىدە يارىلانغان تۇنىسلىق ئەسكەرلەر دوختۇرخانىغا قۇتقۇزۇشقا ئاپىرىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى (ئافار تارتقان)ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، تۇنىسنىڭ ئىچكى كابېنتى ۋە سەھىيە مىنىستىرلىقىدىكى مەسئول خادىمىنىڭ 18-مارت بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى تۇنىس باردۇ مۇزىېيىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم ۋە تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە 22 ئادەم قازا قىلغان، 50ئادەم يارىلانغان.
مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، 22 نەپەر قازا قىلغۇچىىنىڭ 20 نەپىرى ساياھەتچى بولۇپ، قازا قىلغانلار تۇنىسلىقلاردىن باشقا يەنە فرانسىيە، پولشا، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ئىكەن.
مەنبە: خەلق تورى