- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كورىيە بىلەن چاۋشيەن ئوتتۇرىسىدا ئارازچىلىق بولۇپ قالدى
2015.03.19 13:40 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
كورىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا كائىسوڭ باغچا رايونىدىكى چاۋشيەنلىك ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىش مەسىلىسى سەۋەبلىك، كورىيە بىلەن چاۋشيەن ئوتتۇرىسىدا ئارازچىلىق بولۇپ قالغان. كورىيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن بىڭجې 18-مارت مۇنداق دېگەن: كورىيە ھۆكۈمىتى باغچا رايونىنى تاقىۋېتىش مەسىلىسىنى ئويلىشىپ باقمىدى. كائىسوڭ باغچا رايونىنى تاقىۋېتىش-- كورىيە- چاۋشيەن مۇناسىۋىتنىڭ تەرەققىياتى ۋە كورىيە- چاۋشيەن ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىققا ھېچقانداق پايدىسى يوق. كورىيە ھۆكۈمىتى بۇنى ئەزەلدىن ئويلىشىپ باقمىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر