باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئېغىر تاتۇق

2015.02.28 16:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا كىرزىسى يۈز بەرگەن بىر يىلدىن بۇيان، كىشىلەر ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ھەقىقىي ئۇتقۇچىنى كۆرەلمىدى. ئۇكرائىنا شەك-شۈبھىسىزكى ئۇتتۇرغۇچى بولغۇچى. ئۇكرائىنا قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئۇتتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىنىمۇ ئۇتتۇرۇۋەتتى.

  ئۇكرائىنا كىرزىسى يۈز بەرگەن بىر يىلدىن بۇيان، كىشىلەر ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ھەقىقىي ئۇتقۇچىنى كۆرەلمىدى. ئۇكرائىنا شەك-شۈبھىسىزكى ئۇتتۇرغۇچى. ئۇكرائىنا قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئۇتتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىنىمۇ ئۇتتۇرۇۋەتتى. بۇ ئۇكرائىنانىڭ تەرەققىياتىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇكرائىنا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى خونتالىۋا ئۆتكەن يىلى 30-دېكابىر مۇنداق دېدى: 2014-يىلى ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى مىنۇس %7.5بولدى، 2014-يىلى ئۇكرائىناغا نىسبەتەن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى تارىختىكى ئەڭ ئازابلىق بىر يىل بولدى. ئۇكرائىنا زۇڭلىسى ياسەينوك: ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى ھايات قېلىش، دېدى.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىمۇ ئامالسىز ئۇتتۇرغۇچى بولۇپ قالدى. ھازىرقى ياۋروپانىڭ بۇرۇنقى ھالى قالمىدى، ئىقتىسادى كىرىزىس گەرچە ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا تەرەققىيات كىرزىسىگە دۇچ كەلمەكتە. ياۋروپا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇكرائىنانى ئۆزىگە تارتىش ئارقىلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتى كۈچ قوشماقچى بولغان ئىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ خىيالى رۇسىيەنىڭ نېرۋىسىغا تەگدى، شۇڭا پوتىننىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. ياۋروپا ئامېرىكىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، رۇسىيەگە نۇرغۇن قېتىم جازا يۈرگۈزۈشكە مەجبۇر بولدى، لېكىن بۇ خىل جازا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن ئېغىر زىيان بولدى. ئىسپانىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى ماگالۆ 9-فېۋرال ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى ئىسپاتلىدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا كىرزىسىغا ئارىلىشىپ، رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن جازاسى سەۋەبلىك ئېكسپورت سودىسىدا 21 مىليارد ياۋروپا زىيان تارتتى.

  رۇسىيە گەرچە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرسىمۇ،لېكىن ھەقىقىي ئۇتقۇچى ئەمەس. ئۇكرائىنا كىرزىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن پوتىن قىرىمنى تېز سۈرئەتتە ئىگىلەپ، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. لېكىن رۇسىيە ئۇكرائىنا كىرزىسىدىكى كۈچلۈك ئىپادىسى ئۈچۈن ئىقتىسادى جەھەتتە زور بەدەل تۆلىدى. ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا ئۇكرائىنا كىرزىسى كۈچەيگەندىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيەنى كۆپ قېتىم جازالىدى، شۇڭا رۇسىيەدىكى كاپىتال سىرتقا ئاقتى، پۇل داۋاملىق پاخاللاشتى. زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن نېفىت باھاسىمۇ رۇسىيە ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بولدى. ئۆتكەن يىلى رۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئارانلا %0.3 بولدى، ناھايىتى ئېنىقكى پوتىن ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنا كىرزىسىدىكى ئۈستۈنلىكىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىمەن دەيدىكەن، بۇ سىياسەتكە كېتىدىغان دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادى تەننەرخ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر