باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئېنېرگىيە ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك رامكىسىنى ئېلان قىلدى

2015.02.27 15:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  25-فېۋرال، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى يىغىن ئېچىپ ئېنېرگىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىروگراممىسىنى ئېلان قىلدى، بۇ ئېنېرگىيە ئىتتىپاقى ئەمەل قىلىدىغان پىرىنسىپ ، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى ھەمدە خىزمەت نىشانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ رۇسىيەنىڭ تەھدىتىگە ئوخشىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، فېۋرالنىڭ باشلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېنېرگىيە ئىتتىپاقى قۇرىدىغانلىقى ئۇنىڭغا رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گاز مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاش، ئەركىن بازار رىقابىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۇرچى يۈكلىنىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. 25-فېۋرال ئېنېرگىيە ئىتتىپاقى يىغىن ئاچتى ھەمدە تۇنجى ئىستراتېگىيەلىك رامكىنى ماقۇللاپ، بۇ ئارقىلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئېنېرگىيە بازىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشىگە ياردەملەشتى. مۇخبىرلار يىغىنىدا ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئېنېرگىيە ئىتتىپاقىنىڭ مەسئۇلى سافاكوۋىك مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئېنېرگىيە ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئېنېرگىيە بازىرىنى بىرىكتۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر