باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«مېنىڭ كۆرۈشۈم» ناملىق كىتاب دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك كىتاب دەپ قارالدى، گېرمانىيەدە بۇ كىتابنى قايتا بېسىش باسماسلىق ئۈستىدە تالاش-تارتىش بولدى

2015.02.27 15:22        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گىتلېر ئۆلۈپ 70 يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ تەرجىمىھال خاراكتېرلىك ئەسىرى «مېنىڭ كۆرۈشۈم» ناملىق كىتابى كېلەر يىلى قايتىدىن نەشر قىلىنىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك كىتاب دەپ ئاتالغان بۇ كىتابنىڭ قايتىدىن بېسىلىشى سىياسىي ساھەدىكى زاتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

  گېرمانىيەدە چىقىدىغان «دۇنيا گېزىتى»دە تۈنۈگۈن مۇنداق دېيىلدى: «مېنىڭ كۆرۈشۈم» ناملىق بۇ كىتاب ھازىر مىيۇنخېن شەھىرىدىكى باۋارىيە ئوبلاستلىق كۇتۇپخانىدىكى زىيانلىق كىتابلار ئۆيىدە ساقلانغان. بىر مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بۇ كىتابنى ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغان ھەر بىر كىشىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن مەقسەت: گىتلېرنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ بۇ «زەھەرلىك كىتاب»نى ئوقۇشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن، بۇ كۇتۇپخانىدىكى تارىخشۇناس ساپ: بۇ كىتاب ناھايىتى خەتەرلىك دەپ قارىدى.

  گىتلېر «مېنىڭ كۆرۈشۈم» ناملىق بۇ كىتابنى 1923-يىلى نويابىر ناتسىست پارتىيەسى قوزغىغان توپىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن باۋارىيە تۈرمىسىدە يازغان، بۇ كىتاب 1925-يىلى تۇنجى قېتىم بەشىر قىلىنغان. گىتلېرنىڭ ئۆچمەنلىكنى تەرغىب قىلىدىغان تەرجىمىھال خاراكتېردىكى بۇ ئەسىرى «ناتسىستلارنىڭ ئىنجىلى» قىلىنغان، شۇنداقلا ناتسىستلارنىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىغا «نەزەرىيەۋى ئاساس» بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندا، بۇ كىتاب ئون مىليون پارچىدىن ئارتۇق تارقىتىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، «مېنىڭ كۆرۈشۈم» ناملىق بۇ كىتابنىڭ گېرمانىيەدە قايتىدىن بېسىلىشى چەكلەنگەن. كىتابنىڭ نەشر ھوقۇقى باۋارىيە ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتكە تەۋە بولغان. ئەمما، بۇ نەشر ھوقۇقىنىڭ بۇ يىل 31-دېكابىر ۋاقتى توشىدۇ.

  ھازىر، 70 يىللىق نەشر ھوقۇقى ۋاقتىنىڭ توشۇشىغا ئەگىشىپ، گېرمانىيە زامانىۋى تارىخ تەتقىقاتخانىسى قانۇندىن قىلچە ئەنسىرىمەستىن بۇ كىتابنىڭ ئىزاھ نۇسخىسىنى نەشر قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. تەتقىقاتخانا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى نۇسخىدىكى كىتابنى سەككىز مۇتەخەسسىس تەھرىرلەيدۇ، كىتاب ئىككى مىڭ بەت كېلىدۇ، كىتابتا ئەسلى ئەسەرنىڭ مەزمۇنى 800 بەتكە يېقىنلىشىدۇ، بۇ بەش مىڭ تەنقىد ۋە تەھلىل مەزمۇنى قوشۇلغان ئىلىم قورال كىتابى ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ كىتابنىڭ پات ئارىدا نەشردىن چىقىشى گېرمانىيە جەمئىيىتىدە كۈچلۈك تالاش تارتىش قوزغىدى. بېرلىندىكى يەھۇدىيلار تەشكىلاتى «دېموكراتىيە ۋە يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشنى توسۇش مۇنبىرى»نىڭ باياناتچىسى سالومېن بۇ كىتابنى نەشر قىلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: سەن شەيتانغا ئىزاھات بېرەلەمسەن؟ سەن گىتلېردەك مۇشۇنداق ئادەمگە ئىزاھات بېرەلەمسەن؟ بۇ كىتاب ئىنسانلارنىڭ لوگىكىسىدىن ھالقىپ كەتكەن دېدى. ميۇنخېندىكى يەھۇدىيلار تەشكىلاتىنىڭ داھىيسى نوربۇروچ مۇنداق دېدى: بۇ كىتاب پاندورانىڭ سېھىرلىك قۇتىسىغا ئوخشايدۇ، ئۇنى ئاچقان ھامان ياپقىلى بولمايدۇ. بەزى مۇتەخەسسىسلەر: يېڭى نۇسخىدىكى «مېنىڭ كۆرۈشۈم» ناملىق كىتاب ياۋروپادا يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش دولقۇنىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇردى. بەزىلەر ھەتتا گېرمانىيە ئەدلىيە تارماقلىرىدىن بۇ كىتابنى نەشر قىلىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر