باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سابىق ئېرىنى يالغاندىن «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئەزاسى دەپ مەلۇم قىلغانلىقتىن، ئالاھىدە قىسىم ئىراقلىق بىر ئەرنىڭ توي كېچىسىنى پەتىلىدى

2015.02.27 13:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېبرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 25-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئىراقلىق بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ توي كېچىسى ئۇنتۇلغۇسىز بولۇپ قالغان، ئەرنىڭ سابىق خوتۇنى ھەسەت قىلىپ يالغاندىن ئەرنى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى دەپ مەلۇم قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئىراق ئالاھىدە قىسىملىرى ئەرنىڭ باغداتتىكى يېڭى ئۆيىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغان.

  ئىراق ئالاھىدە قىسىملىرى ئالدى ئىشىكتىن تۇيۇقسىز بېسىپ كىرگەندە كېلىنچەك قورقۇپ ھوشىدىن كەتكەن. ئالاھىدە قىسىم ئەزالىرى ئەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان. ساقچى تەرەپ 40نەچچە ياشلىق بىر نامسىز ئايالنىڭ مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇ ئەرنىڭ «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەزاسى ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. ئۇ يەنە ساقچىلارغا بۇ ئەرنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاشنى پىلانلاپ، موسۇلدا پارتلاتقۇچ توپلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

  بىراق ساقچىلار بۇنىڭ بىر بىمەنە چاخچاق ئىكەنلىكىنى بايقىغان، بۇ چاغدا توي مۇراسىمى ئاخىرلاشقىلى ئاران بىر سائەت بولغان. ساقچىلار ئەرنىڭ ئىلگىرىكى خوتۇنىغا خەۋەرنى يەتكۈزگەن ھەمدە بۇ ئايالنىڭ ئالدىنقى ئېرىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن يالغان دىلو مەلۇم قىلغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئايال يالغان دىلو مەلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.

  بۇندىن بۇرۇن شۋېتسىيەدە بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلارمۇ «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قوللىغۇچىلىرى دەپ قارالغان. شۇ چاغدا ئۇلار قىز تەرەپنىڭ 21ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقان بولۇپ، بىر يولۇچى تۇغۇلغان كۈن شارىدىكى 21دېگەن ساننى تېررورلۇق تەشكىلاتى «ئىسلام دۆلىتى»كە ۋەكىللىك قىلىدىغان «IS» بەلگىسى دەپ كۆرۈپ قالغان. ساقچىلار ئىچكىرىلەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، بۇنىڭ بىر ئۇقۇشماسلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان بولسىمۇ، تېخىمۇ كۆپ ئۇقۇشماسلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ بىر جۈپتىن شارنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر