- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ پات ئارىدا ئامېرىكىدا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
2015.02.26 13:54 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
ۋيېتنام «كۈندۈلۈك تېز خەۋەرلەر گېزىتى» نىڭ 25-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋيېتنام- ئامېرىكا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نۇرماللاشقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پەيتىدە، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ پات ئارىدا ئامېرىكىدا رەسمىي زىيارەتتە بولىدىكەن. ۋيېتنامنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پەيتىدە، رۇەن فۇجۇڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى بۇ يىلقى تارىخىي خاراكتېرلىك بەلگە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر