باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«بىر بەلۋاغ بىر يول» دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدۇ

2015.02.13 16:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بىر بەلۋاغ بىر يول» ھەمكارلىق تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئۇنى ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يولغا قويغان «مارشال پىلانى» بىلەن سېلىشتۇردى. ئەمەلىيەتتە، ئىككىسىنىڭ تۈپتىن پەرقى بار.

  «مارشال پىلانى» سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن، ئۇنىڭ باشلىنىشىدىلا ئىدېلوگىيەنىڭ قويۇق تۈسى ۋە ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرىدىغان قارشىلىشىش كەيپىياتى بار ئىدى. «ياۋروپانى قايتا گۈللەندۈرۈش پىلانى» دەپ ئاتالغان بۇ قۇرۇلۇشتا شەرقىي ياۋروپادىكى سەككىز سوتسىيالىستىك دۆلەت ئېنىق چەتكە قېقىلغان. بۇ پىلاننىڭ ئاساسلىق تۈزگۈچىسىنىڭ بىرى، ئامېرىكىنىڭ ئەينى چاغدىكى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مارشال ئۆزىمۇ غەربىي ياۋروپانى ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇپ، «كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگەللىشىگە ئاۋاز بەرگەن ھەرقانداق دۆلەتتە ياۋروپانى قايتا گۈللەندۈرۈش پىلانىدا بەلگىلەنگەن ياردەم دەرھال توختىتىلىدۇ»دېگەن. بىر تەرەپنى يۆلەپ، بىر تەرەپنى باسىدىغان بۇنداق ئۇسۇل «مارشال پىلانى»نىڭ دەۋر چەكلىمىلىكىنى ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

  «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، تەڭ نەپ ئېلىش چوڭ يۈزلىنىشى ئىچىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، دەۋرنىڭ يېڭى ھاسىلاتى، ئۇنىڭدا ھەم بۇرۇنقىلار ئاچقان قەدىمىي يىپەك يولى، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىققا ئىنتىلىش گېنىغا ۋارسلىق قىلىنغان، ھەم سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ قالدۇقىنى تۈگىتىش، يەرشارىنى ئوڭشاشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىرادىسى نامايەن قىلىنغان. دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىشى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ قەدەم تاشلىماقتا. «بىر بەلۋاغ بىر يول» بۇ ئېقىمغا ماسلىشىپ، تۈزۈم، ئەندىزە بىر تەرەپلىمىلىكىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئىدېلوگىيە توسىقىدىن ھالقىدى، ئۇنىڭ كۆزلەيدىغىنى تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ تېما، ئويلايدىغىنى ئۆزىگىمۇ، باشقىلارغىمۇ ياخشى بولۇش، ئىشىنىدىغىنى تاما-تاما كۆل بولار. لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ھەم سوتسىيالىزم يولىدىكىلەر، ھەم كاپىتالىزىم تۈزۈمىدىكىلەر؛ ھەم بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار، ھەم ئىسلام شەرىئىتى ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىدىغانلار؛ ھەم غەرب قىممەت قارىشىنى ئېتراپ قىلىدىغانلار، ھەم شەرق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرىدىغانلار بار. «بىر بەلۋاغ بىر يول» بۇ پەرقلەر ئاساسىدا ئالاقە باغلاپ، ئوخشاش پىكىردە بىرلىككە كېلىپ، ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا ماسلىشىپ، ئوخشاشلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، پەرقلەرنى كىچىكلىتىشنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلاش يۇشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، دۇنيانىڭ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىغا تۆھپە قوشىدۇ.

  «مارشال پىلانى» قارىماققا بىر ئىقتىسادىي ياردەم پىلانىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنىڭ ئاخىرقى نىشانى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ زومىگەرلىكنى تالىشىشى. ئامېرىكىنىڭ ئەينى چاغدىكى زۇڭتۇڭىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى كېلىفورد: بىزنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىمىز بازار ئەمەس، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونترول دائىرىسىنى كېڭەيتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دېگەن. مارشال پىلانىنىڭ ياردىمىگە نۇرغۇن تەڭسىز شەرتلەر قوشۇلغان بولۇپ، غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىگە ئارىلىشىش ئۇرۇقى چېچىلغان.

  «بىر بەلۋاغ بىر يول» باراۋەرلىك، ئۆز-ئارا نەپ يەتكۈزۈشنى قوغلىشىدۇ. قەدىمىي يىپەك يولى ئۇزۇنغا سوزۇلغان، ئۇزاق داۋاملاشقان، ھالقىلىق يېرى جۇڭگو خەلقىگىلا ئەمەس، بەلكى لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغان. يېڭى دەۋردە، «بىر بەلۋاغ بىر يول»نىڭ جەۋھىرى دەل باراۋەر، ئۆز-ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ياخشى ئەنئەنىنى نۇرلاندۇرۇش، ھېچقانداق شەرت قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇش، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىيات نەتىجىسىنى قوغلىشىش. «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن باراۋەر قاتنىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئاساسەن قاتناشسا بولىدۇ. بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىن نەپ ئېلىشىنى قارشى ئېلىپلا قالماستىن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ستراتېگىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۆز پىكرىنى باشقىلارغا تاڭمايدۇ. كېيىنكى باسقۇچتا، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق بىر قەدىمى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر باراۋەر كېڭىشىپ، ۋاقىت جەدۋىلى، پىلاننى بىرلىكتە تۈزۈپ، ھەمكارلىق مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى بىرلىكتە تولۇقلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول»نىڭ تەشەببۇستىن ئەمەلىي نەتىجىگە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش.

  بۈگۈنكى دۇنيا «مارشال پىلانى»غا مۇھتاج ئەمەس، مۇھتاج بولۇۋاتقىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلىكتە كېڭىشىدىغان، بىرلىكتە قۇرىدىغان، بىرلىكتە بەھرىمان بولىدىغان ھەمكارلىق سىخېمىسى. «بىر بەلۋاغ بىر يول»نىڭ نامايەن قىلىدىغىنى دەل مۇشۇنداق گۈزەل مەنزىرە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر