باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە بىلەن نىكاراگۇا ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزدى

2015.02.13 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نىكاراگۇادا زىيارەتتە بولىۋاتقان رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى شويگو 12-فېۋرال كەچتە نىكاراگۇا زۇڭتۇڭى ئورتىگا بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىككى تەرەپ بىر قاتار ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى تۈزدى.

  شويگو مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئىككى تەرەپ ھەربىي ھەمكارلىق ساھەسىدە نۇرغۇن نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇ قېتىم مەن زۇڭتۇڭ ئورتىگا ھەمدە نىكاراگۇا ئارمىيەسىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇزۇنراق يېپىق سۆزلەشتىم، ئىككى تەرەپ ئاخىرىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق ھەمدە بىر قاتار ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى تۈزدۇق. كېلىشىم مەزمۇنىغا ئاساسەن، رۇسىيەنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى نىكاراگۇا دېڭىز تەۋەسىگە بېرىپ، نىكاراگۇانىڭ زەھەر ئېلىپ سېتىش، تەشكىللىك جىنايەتكە زەربە بېرىشىگە ياردەملىشىش رۇخسىتىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا رۇسىيە نىكاراگۇا ھەربىي مەكتىپىنىڭ كۇرسانتلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىدىغان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر