باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەمەندە قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى قايتا قۇرۇشقا ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2015.02.13 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 12-فېۋرال خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەمەندە قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى قايتا قۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، يەمەننىڭ سىياسىي مۇساپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى. بان كىمون شۇ كۈنى يەمەن ۋەزىيىتى ھەققىدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەھۋال ئۇقتۇرغاندا مۇنداق دېدى: يەمەن بەربات بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرماستىن، بەلكى بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىپ، سىياسىي مۇساپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەت مۇھىم نۇقتىنى يەمەندە قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى قايتا قۇرۇشقا قارىتىشى ھەم يەمەنگە بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى كۆپەيتىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

  بان كىمون يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يەنىمۇ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىدىن ساقلىنىپ، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسى، مەملىكەتلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ نەتىجە ھۆججىتى ھەم مىللىي تىنچ يارىشىش كېلىشىمىنى دەرھال، ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىشى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ يەمەن مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى باينۇمار بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، سۆھبەتكە ھەقىقىي قاتنىشىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر