باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنى يېپىلدى

2015.02.12 10:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى كۈن داۋاملاشقان 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە يېپىلدى. دۇنيا ئىقتىسادى تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ بېقىش ئۈچۈن، ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە قۇرۇلمىسى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئاشۇرۇشتەك ئىقتىسادى رامكا قاتارلىق قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى. ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولماقچى بولدى.

  يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: ئەزا دۆلەتلەر ھازىرقى پۇل ۋە مالىيە سىياسىتىگە داۋاملىق قاراپ چىقتى ھەمدە كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىدىغان بولدى. ئەزا دۆلەتلەر يەنىلا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 2010-يىلى ئوتتۇرغا قويغان نورما ئىسلاھاتى ۋە تىزگىنلەش لايىھەسىنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكدىن ئۈمىدسىزلەندى، ئاخباراتتا ئىسلاھات لايىھەسىنى بالدۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش- خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئالدىن تىرىشىدىغان يۆلىنىش دەپ تەكىتلەندى، ئامېرىكىنىڭ بۇ لايىھەنى بالدۇرراق تەستىقلىشى ئۈمىد قىلىندى.

  2014-يىلى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى راجاد نورما ۋە تىزگىنلەش ئىسلاھاتى ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دائىرىلىرىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسىنى بالدۇرراق تەستىقلىشىنى ئۈمىد قىلدى. راجاد يەنە مۇنداق دېدى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئامېرىكا قاتناشمىغان ئەھۋالدا، ئاۋاز بېرىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە ئىسلاھات مۇددىتىنى بۇ يىل 6-ئاي دەپ بېكىتىشكە ئوبدان تەييارلىق قىلىپ قويدى.

  خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرزىسى باشلانغان ۋاقىتتا، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىسلاھ قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ھەمدە 2010-يىلى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە ئورتاق تونۇشقا كەلگەن ئىدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى كېڭىشى تەستىقلىغان تىزگىنلەش ۋە نورما ئىسلاھاتى لايىھەسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى مۇنداق: 1-، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ نورمىسىنى بىر قاتلاش، 2-، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ چىقىرىش نىسبىتى ۋە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى %6 ئۆستۈرۈش. ياۋروپا ئەللىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئىككى باش مۇدىرلىق ئورۇننى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىدىكى نىسبىي ئېغىرلىق ئۆزگىرىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈش.

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى نورما ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئومۇمىي نورمىنى بىر ھەسسە ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادى تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرماقچى. ئامېرىكىنىڭ مەبلەغ چىقىرىش نورمىسىنى پارلامېنت ئاجرىتىدۇ. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،ئىككى پارتىيەنىڭ خامچوت، قەرز مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىشى ئۈزۈلمىدى، ھەتتا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئورگانلىرى بىر مەھەل تاقىلىپ قالدى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھات مەسىلىسىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىككى پارتىيە ئۇرۇشىنىڭ قۇربانى بولۇپ قالدى.

  جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى ئاۋاز بېرىپ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسىگە قارشى تۇردى، نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان ئامېرىكىنىڭ بېجىنى سەرپ قىلىپ ئىقتىسادى قىيىن ئەھۋالدا قالغان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش ئامېرىكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، دەپ قارىدى.

  ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھاتىغا توسقۇنلۇق قىلىشى خەلقئارا پۇل مۇئامىلىدىكى مۇقىم كۈچلەرنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئامېرىكىنىڭ نوپۇزىغا زور زىيان يەتكۈزىدۇ. بەزى ئالىملار مۇنداق دەپ قارىدى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھاتى ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تۇتقۇنى بولۇپ قالدى.

  مۇشۇنداق ئەھۋالدا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ تىزگىنلەش قۇرۇلمىسىدىكى كەمتۈكلۈك ئۆزىنىڭ ئاممىۋىي ئىشەنچىلىكلىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى، ئۇلارنىڭ ۋەكىللىكلىكى، قانۇنلۇقلۇقى، ئادىللىقلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارانىڭ پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغداش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزدى.

  ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ يېقىنقى ماقالىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھاتى ئامېرىكىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ دەسلەپتە ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشقا كۈچىگەنلىكىنى ئويلىغاندا تېخىمۇ شۇنداق. ئوباما ھۆكۈمىتى ئاشكارا ھالدا: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمىز، دېگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىچىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئويلىغاندا، بۇ سۆزگە ئىشىنىشنىڭ ھەقىقەتەن ھاجىتى قالمىدى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىساد ۋە سىياسەت تەتقىقات ئورنى ئىقتىسادى تەرەققىيات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ش چىيۈەن مۇنداق دېدى: 21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، يەر شارى ئىقتىسادى قېلىپىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. جۇڭگو ۋەكىللىكىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ ئورنى ئۆستى. مەيلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسۇن، ياكى پارلامېنتى بولسۇن جۇڭگو ۋەكىللىكىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ نورمىسىنىڭ ئېشىشى، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ نورمىسىنىڭ نىسبىي ئازىيىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. شۇڭا بۇ قېتىمقى 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنىدا بۇ لايىھەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا كۆرۈلگەن ۋاقىت داۋاملىق ئۇزىرىشىدىن ئۈمىدسىزلىنىمىز، ئامېرىكىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسىنى تېزرەك تەستىقلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر