باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما مېركېل بىلەن كۆرۈشۈپ، رۇسىيەنى جازالاشنى كۈچەيتىمىز دەپ تەھدىت سالدى

2015.02.11 10:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيەدە چىقىدىغان «ئەينەك» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل 9-فېۋرال ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇپ، ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن سۆھبەتلەشكەن. مېركېل سۆھبەتتىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئىككى تەرەپتە ئۇكرائىنانى قورال بىلەن تەمىنلەش كېرەكمۇ يوق دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىختىلاپ كۆرۈلدى. گەرچە نۇرغۇن تىرىشچانلىق ئۈنۈم بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ماجىرالارنى دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇردى. ئوباما: رۇسىيەنى جازالاشنى ئۇ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى توختاتقانغا قەدەر داۋاملىق كېڭەيتىش كېرەك، ھەربىي جەھەتتىن ئۇكرائىنانى قوللاش يەنىلا بىر تاللاش دېگەن. لېكىن ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنداق دېگەن: ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي جەھەتتىن رۇسىيەنى مەغلۇب قىلىش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۇت ئەمەس. ئوباما تەھدىت سېلىپ: ناۋادا مۇشۇ ھەپتىدىكى دىپلوماتىيە جەھەتتىكى تىرىشچانلىق نەتىجىسىز بولسا، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۈنۈملۈك بىر جاۋابنى ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ دېگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر