باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

3-نۆۋەتلىك لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

2015.01.30 15:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-نۆۋەتلىك لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسى باشلىقلىرى يىغىنى شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن كوستارىكانىڭ پايتەختى سانخوسى شەھەر سىرتىدا ئۆتكۈزۈلدى، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 33 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى يىغىن جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئاياغلىشىپ ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرىدا ماقۇللانغان «بېيجىڭ خىتابنامىسى»، بەش يىللىق ھەمكارلىق پىلانى قاتارلىق مۇھىم نەتىجىلەر بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرىلىدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «ئورتاق گۈللىنىش» بولدى. كوستارىكا زۇڭتۇڭى سۇئارىس: بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ مەركىزى قارالمىسى يەنىلا نامراتلىقنى تۈگىتىش بولدى دېدى. ئېكۋاتورنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى پاتتىنىئو مۇنداق دېدى: بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىچكى قىسىمدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كېڭەيتىشى زۆرۈر. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈپ تەڭ غەلىبە قىلىش ئەڭ ياخشى ئەندىزە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر