باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران : يادرو سۆھبىتىدىكى سەۋرىچانلىقىمىز چەكلىك دېدى

2015.01.30 15:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنسىتىرى زەرىف تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: گەرچە سۆھبەتتە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولسىمۇ ئەمما غەرپ دۆلەتلىرى سۆھبەت سۈرئىتىنى تېزلىتىشى كېرەك، ئىراننىڭ سەۋرىچانلىقى چەكلىك.

  ئىران مەيھىل ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، زەرىف شۇ كۈنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا غەرپ دۆلەتلىرىنى يادرو سۆھبىتىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشتا تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلىپ، ۋاقىتلا ئەمەس ئىراننىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن سەۋرىچانلىقىمۇ چەكلىك دېگەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا زەرىف مۇنداق دېگەن: نۆۋەتتە سۆھبەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر بەزى نۇقتىلاردا ، يەنى ئىراندىكى بارلىق يادرو ئەسلىھەلەرنى تاقىماسلىق، ئىراننىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش، جازانى كەلگۈسىدە بىكار قىلىش، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگيەسى ئاپپاراتى ئىراننىڭ جەنۋە كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى داۋاملىق نازارەت قىلىش قاتارلىقلاردا ئورتاق تونۇشقا كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر