باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇناسىۋىتى

2015.01.30 14:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ھىندىستاندىكى قىسقىغىنا زىيارىتىنى تۇيۇقسىز ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، 27-يانۋار ھەشەمەتلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ رىيادقا بېرىپ، ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئەمدىلا تاماملىغان ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىتتىپاقدىشى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى.

  ئوباما سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتا نەچچە سائەت توختىغاندا، يېڭى پادىشاھ سالمەننىڭ كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى، مەرھۇم پادىشاھ ئابدۇللانى ياد ئەتتى. ۋاقىت قىسقا بولسىمۇ، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى. ئوبامانىڭ ئۆزى باشلامچى بولۇپ، ۋاپات بولغان خەلقئارا سىياسىيونلارنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، ئادەتتە، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى قاتناشسىلا بولاتتى.

  ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھەشەمەتلىك سىماسى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاممىسىمۇ ئوبامانىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى مۇنازىرە قىلىشتى، بەزىلىرى ماختىدى، بەزىلىرى تەنقىد قىلدى، بەزىلەر سەئۇدى ئەرەبىستانى ئامېرىكىغا بەك تاينىۋالدى، ئامېرىكىنى باش شىركەت دېسەك، سەئۇدى ئەرەبىستانى شۆبە شىركەت، چوڭ خوجايىن ئوباما شۆبە شىركەتنىڭ نورمال يۈرگەن يۈرمىگەنلىكىنى تەكشۈرگىلى كەلدى، دەپ مەسخىرە قىلىشتى. يەنە بەزىلەر ئامېرىكا پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىتىگىلا كۆڭۈل بولىدۇ، دېدى.

  شۈ كۈنى ئوباما بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يېڭى پادىشاھى: نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدا بىر سائەتتىن كۆپرەك سۆھبەتلەشتى، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئۇنسۇرلىرىغا زەربە بېرىش، يەمەندىكى قالايمىقانچىلىق، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، سۇرىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتى.

  ئامېرىكىنىڭ بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئوباما بىلەن سالمان نېفىت بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ، گەرچە 2014-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، نېفىت باھاسى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ يەنە ئىككى تەرەپنىڭ نېفىت باھاسىنى مۇزاكىرە قىلمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

  رېيتېر ئاگېنتلىقى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: گەرچە ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت ئېكىسپورتىغا تايىنىشچانلىقى بەلگىلىك ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، نېفىت ئىشلەپچىقىرشىدا يۇقىرى مەھسۇلات مىقدارىنى ساقلاپ كەلدى، بۇ تەدبىر خەلقئارادا نېفىت باھاسىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋەتتى. بۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە، ئىران ۋە رۇسىيەگە بولغان بېسىمنى زورايتىدۇ.

  ئوباما نېمە ئۈچۈن سەپىرىنى ئۆزگەرتىدۇ؟ فىرانسىيە ئاگنتىلىقى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئابدۇللا 2005-يىلى تەخت ۋارىسى بولغاندىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىزچىل ئامېرىكىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى بولۇپ كەلدى.

  1-قېتىملىق پارس قولتۇقى ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىك فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستانىلا بىر پارچە مۇقىم زېمىن دېيىشكە بولىدۇ.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى كىشىلىك ھوقۇق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئامېرىكىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى، ئەمما، ئوتتۇرا شەرق قالايمىقانچىلىقى قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا بولىۋاتقان پەيتتە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قوللىشى ئامېرىكا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بەزى ئوبزۇرلاردا: ئىتتىپاقدىشىغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا بەزى مەسىلىلەرنى قەستەن كۆرمەسكە سېلىۋالدى، دېيىلدى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىران ۋە سۇرىيە باشار ئەسەد ھۆكۈمىتىگە دۈشمەنلىك بىلەن قاراپ كەلدى. ئوباما ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئىران بىلەن ھەمكارلىشىپ، كېڭىشىش ئارقىلىق، يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئويلىدى، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسكەر چىقىرىپ سۇرىيىگە زەربە بېرىشنى رەت قىلدى. ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىدە بۇ سەۋەبلىك بەزى سۈركىلىشىلەر بولدى. بىراق، ئورتاق مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسىدا، ئىككى دۆلەت يەنىلا ئىتتىپاقلىق مۇناسىۋىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سابىق پادىشاھى ئابدۇللا بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررى سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلغانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر