باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ ۋەزىيىتى داۋاملىق ناچارلاشماقتا

2015.01.30 14:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئەل ئارىسىدىكى قوراللىقلارنىڭ توقۇنۇشى كۈچىيىتپ كەتتى، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتتى. رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشى توغرىسىدا بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى، ياۋروپا كېڭىشى رۇسىيەگە يېڭى بىر نۆۋەت جازا قوللىنىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونىستىك شەھىرىنىڭ بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتى 22-يانۋار بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ۋەقەدە 15 پۇقرا قازا قىلدى ۋە يارىلاندى. 24-يانۋار، دوسنىستىك ئوبلاستىنىڭ مالىرىئوپۇل شەھىرىدىكى بىر مەھەللە بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئاز دېگەندە 30 ئادەم قازا قىلدى. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى «شەرقتىكى ئەل ئارىسىدىكى قوراللىقلارنى بۇ ۋەقەنى سادىر قىلدى» دەپ ئەيىبلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 27-يانۋار: ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان 5187 ئادەم قازا قىلدى، 11 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى، دېدى.

  تۈنۈگۈن ئۇكرائىنا ئالىي پارلامېنتى جىددىي يىغىن ئېچىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رۇسىيەگە تېخىمۇ قاتتىق جازا قوللىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكو تۇرۇشلۇق پارتىيە پوروشىنكو ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى لۇچىنكو يىغىندا: ھازىر ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەل ئارىسىدىكى قوراللىقلارنىڭ قىلىمىشىنى «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تەشكىللىك ھالدا كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىشى» دەپ قاراشقا بولىدۇ، دېدى.

  رۇسىيە دائىرلىرى بولسا ئۇكرائىنا دائىرلىرىنى: مىنىسك كېلىشىمىنى ئىجرا قىلمىدى، ئۇلار ھەربىي ھەرىكەتتىن ھاۋز كېچىشكە ئۇنىمايۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 26-يانۋار: ئۇكرائىنا شەرقىي قىسىمدىكى توقۇنۇشنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى رەت قىلدى، ئۇلار كىرىزىسنى سىياسى يول بىلەن ھەل قىلىشنى خالىمايدۇ، دېدى. رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 26-يانۋار تەكىتلەپ: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ناچارلىشىپ كەتتى، بۇ ئۇكرائىنا دائىرلىرىنىڭ مىنىسك كېلىشىمىدىكى «توقۇنۇش بولىۋاتقان رايوندىن ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى چېكىندۈرۈش» بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىدىن بولدى، ئۇكرائىنا دائىرلىرى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەرقتىكى ئەل ئارىسىدىكى قوراللىقلارنىڭ تىنچلىق سېگنالى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىشى ئەخمىقانىلىق ئىش، دېدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا كېڭىشى ئارقا-ئارقىدىن رۇسىيەگە بېسىم ئىشلەتتى. 26-يانۋار، ئۇكرائىنا دائىرلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ئۇكرائىنا كېڭىشى ئالاھىدە يىغىن ئېچىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ كۈندىن كۈنگە ناچارلىشىۋاتقان ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سىتولتىنبېرگ يىغىندىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى قوراللىقلارنى قورال بىلەن تەمىنلىمەسلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى، ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مىنىسك كېلىشىمى بويىچە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى تىنچ ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ياۋروپا كېڭىشىمۇ تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى كېلەركى ئايدا ئېچىلىدىغان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيىتىگە باھا بېرىشنى، رۇسىيەگە يەنە جازا قوللىنىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئويلىشىشنى، مىنىسك كېلىشىمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، دېدى.

  بىراق، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ياراشتۇرۇشى ئاستىدا، ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتىمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف تۈنۈگۈن ئاشكارىلاپ، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ۋە شەرقتىكى ئەل ئارىسىدىكى قوراللىقلارنىڭ ۋەكىللىرى دوسنىستىكتا ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ھاسىل قىلغان مىنىسك كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا مەسىلىھەتلىشىۋاتىدۇ، رۇسىيە بۇنىڭغا ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتىدۇ، سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر