باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۆكتىچى قوراللىقلارنىڭ 50 ئادىمى ئېتىۋەتتى

2015.01.26 08:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋان ماياك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 23-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى شۇ كۈنى سۇرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دېرا ئۆلكىسىدىكى يوشۇرۇن زەربىدە ئۆكتىچى قوراللىقلارنىڭ 50 ئادىمىنى ئېتىۋەتكەن، خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى شۇ كۈنى دېرا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى دېرا شەھەر سىرتىدىكى تاشيولدا بۇ ئۆكتىچى گۇرۇھغا يوشۇرۇن زەربە بېرىپ، ئۇنىڭ 50 ئادىمىنى ئېتىۋەتكەن. سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھ قوراللىقلىرىنىڭ ئېتىشىشى سۇرىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا داۋاملاشماقتا. باش ئىشتابى لوندونغا تەسىس قىلىنغان «سۇرىيە كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلەر تەشكىلاتى» مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئارمىيەسى شۇ كۈنى پايتەخت دەمەشق شەھىرىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ قوراللىقلىرىنىڭ نۇقتىلىرىغا نۇرغۇن قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغاپ، ئالتە پۇقرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 32 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر