باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 2-قېتىملىق ھىندىستان سەپىرىنى باشلىدى(1)

2015.01.26 08:44   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 2-قېتىملىق ھىندىستان سەپىرىنى باشلىدى(1)

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 25-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىغا يېتىپ بېرىپ، ھىندىستاندىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. ئوباما 25-يانۋار كەچتە ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، 26-يانۋار ھىندىستاننىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 25-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىغا يېتىپ بېرىپ، ھىندىستاندىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. ئوباما 25-يانۋار كەچتە ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، 26-يانۋار ھىندىستاننىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.

  ئوباما تارىختىكى تۇنجى ھىندىستاننىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى، شۇنداقلا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە ھىندىستاندا ئىككى قېتىم زىيارەتتە بولغان بىردىنبىر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ، «سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى» ئىنتايىن زور.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاق ساراي تەرەپ ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئوباما بۇ قېتىم نۇرغۇن كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ماڭغان بولۇپ، ئۆمەك ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ 1-خانىمى مىچېل ئوباما، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى رايس، سودا ۋەكىلى فرومان، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى پرىتزكېر قاتارلىق ئاق ساراي ۋە ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان. ئۆمەكتە يەنە ئاۋام پالاتاسىدىكى ئاز سانلىق پارتىيەنىڭ داھىيسى فلۇس، پارلامېنتتىكى ھىندى ئەۋلادلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كىلال، كالفورنىيە ئىشتاتى ھىندى ئەۋلادلىرى فېدېراتسىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بېلا قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بار.

  ئۈچ كۈنلۈك زىيارەتتە ئوباما ئەسلىدىكى پىلانىدا زۇڭلى مودى بىلەن ئۇزاققىچە سۆھبەتلىشىش، ئامېرىكا-ھىندىستان سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش، نەچچە سائەت ھىندىستاننىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرۇش كۈنى نامايىشىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ھەرخىل تەبرىكلەش ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، گەندى خاتىرە سارىيى ۋە ناماياندە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش ـــ تاج ماھال مەقبەرىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش قاتارلىقلار بار ئىدى.

  بىراق ئوباما 24-يانۋار يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدىكى بىر نەچچە سائەتتە، ئاق ساراي تەرەپ سەئۇدىي ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللانىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئوبامانىڭ ھىندىستاندىكى سەپىرىنى قىسقارتقانلىقىنى، زىيارەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن سەئۇدىي ئەرەبىستانغا يېتىپ بېرىپ، يېڭى پادىشاھقا ئېھتىرام بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

  يېڭى سەپەر تەرتىپىدە، ئوباما ھىندىستان تاج ماھال مەقبەرىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئۇنىڭ ئايالى مىچېل 27-يانۋار رىيادقا يېتىپ بېرىپ، يېڭى پادىشاھ سالمان بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى شىنجاڭ بىلەن ياردەم بەرگەن جايلار ئارىسىدا قول تۇتۇش ھەرىكىنى قانات يايدۇرىدۇ …
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
      ·ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ
      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن