باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ۋەكىلى: سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۇكرائىنا مەسلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى

2015.01.23 16:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جىي 21-يانۋار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق باش ئورگىنىدا مۇنداق دېدى: سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۇكرائىنا مەسلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى، ئالاقىدار تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك .

  خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئاچتى. ليۇ جىيى مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېقىندا ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۇكرائىنا مەسلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە كۆرسەتكەن پائال تىرىشچانلىقىنى قارشى ئالىدۇ، ھەمدە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ، نورماندى ۋە مىنسكى قاتارلىق ياراشتۇرۇش مېخانىزمى ئارقىلىق، بىر-بىرىنىڭ مۇۋاپىق مەنپەئەتىگە ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ئېتىبار بەرگەن ئاساسدا، ئومۇميۈزلۈك، تەڭپۇڭ، ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېزدىن ھاسىل قىلىپ، ئۇكرائىنا ۋە پۈتكۈل رايوننىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر