- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
چاۋشيەن كىنولىرىدىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئوبرازى قانداق؟
2014.12.29 15:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سونى سۈرەت، كۆڭۈل ئېچىش شىركىتى ئىلگىرى «زىيارەت» ناملىق تالاش- تارتىش قوزغىغان بىر فىلىمنى سۈرەتكە ئالغانىدى، بۇ فىلىمدا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ قاتىل ياللاپ، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇننى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقى مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، چاۋشيەن تەرەپنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 22- دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، چاۋشيەننىڭ كىنولىرىدا «ئامېرىكا رولى» ئاز ئەمەس ئىكەن، ئەمما بۇ كىشىلەر ئادەتتە «سەلبىي ئوبراز» بولىدىكەن.
ئامېرىكىلىقلارنىڭ رولىنى بەزىدە چاۋشيەنلىك ئارتىسلار گىرىم قىلىپ ئالىدىكەن، بەزىدە چاۋشيەندىكى ئامېرىكىلىقلار رول ئالىدىكەن.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى چاۋشيەن كىنوچىلىقى توغرىسىدا «چاۋشيەن كىنو تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، گېرمانىيەلىك جوھانېس سچىنخېرنى زىيارەت قىلدى. جوھانېس سچىنخېرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چاۋشيەندە داڭلىق ئامېرىكىلىق ئارتىسلاردىن چارلېز جېنكىڭس، لارى ئابۇخىل، جېررى پاررىش ۋە جامېس درېسنوك بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تۆت كىشىنىڭ ھەممىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرى چاۋشيەنگە قېچىپ كەلگەنلەر بولۇپ، 1978- يىلى چاۋشيەن ئىشلىگەن «نامسىز قەھرىمان» ناملىق كىنودا «رەزىل كاپىتالىست» لارنىڭ رولىنى ئالغانىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە جامېس درېسنوك چاۋشيەندىكى ھەممە ئادەم بىلىدىكەن چەتئەللىك ئارتىس بولۇپ، ئېيتىلىشچە ئۇ ھازىرمۇ چاشيەندە ئىكەن. چاۋشيەن خەلقى ئۇنى «ئاسې» دەپ ئاتايدىكەن، بۇ ئۇ ئىلگىرى ئالغان رولنىڭ ئىسمى ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر