- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پاكىستان تېررورلۇققا قارشى ھەربىي سوت قۇرماقچى
2014.12.25 15:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پاكىستان زۇڭلىسى شېرىپ 24-دېكابىر پارلامېنتتىكى ئاساسلىق پارتىيەلەر رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيەنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى ئەمەلدارلىرىنى زۇڭلى مەھكىمىسىگە يىغىپ يىغىن ئىچىپ، يېڭى تېررورلۇققا قارشى تەدبىرىنى كېڭىشىپ بېكىتتى. يىغىندا ئالاھىدە ھەربىي سوت تەسىس قىلىپ، تېررورلۇق دېلولىرىنى سوراق قىلىشنى قارار قىلدى.
شۇ يەردىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: شېرىپ، پىشاۋاردىكى پاجەلىك ۋەقەنىڭ تەكرارلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، ھازىر كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى تېررورلۇقنىڭ تەھدىتىنى يوقىتىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى دېگەن.
16-دېكابىر ، ھەربىي فورمىنى كىيىۋالغان بىر توپ قوراللىق ئۇنسۇر پىشاۋاردىكى ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان بىر مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، 140 دىن كۆپرەك كىشىنىڭ قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پاكىستان تالىبانلىرى بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر