باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا پارلامېنتى ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئورنى قانۇن لايىھەسىدىن ۋاز كېچىش لايىھەسىنى ماقۇللىدى

2014.12.25 15:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا پارلامېنتى تۈنۈگۈن زۇڭتۇڭ پوروشېنكو 18-دېكابىر تاپشۇرغان ئۇكرائىنانىڭ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئورنىدىن ۋاز كېچىش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ماقۇللاپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى. شۇ كۈندىكى ئاۋاز بېرىشتە قانۇن لايىھەسى 303 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، 9 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، ئىككى ئاۋازنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى، 56 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئاۋاز بېرىشكە قاتناشماسلىقىدەك نەتىجە بىلەن ماقۇللاندى. يېڭى قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، ئەسلىدىكى « ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەت پىرىنسىپى قانۇنى»دىكى ئۇكرائىنانىڭ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدىكى ماددا چىقىرىۋېتىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش ئۆلچىمىگە يېتىش ئۈچۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى ماددا كۆپەيتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر