باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى قۇتقۇزۇش تەدبىرى ئارقىلىق خاماسنى تېررورچى تەشكىلاتلار ئىسىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى

2014.12.19 09:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى 17-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: تولۇقلاپ قۇتقۇزۇش تەدبىرى ئارقىلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئادەتتىكى سوت مەھكىمىسى پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماسنى تېررورچى تەشكىلاتلار ئىسىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلاشنى قارار قىلىدۇ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئادەتتىكى سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى خاماسنى تېررورچى تەشكىلاتلار ئىسىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بىراق، بۇ تەشكىلاتنىڭ مال-مۈلۈكىنى توڭلىتىش جازاسىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 2001-يىلى 12-ئايدا، ياۋروپا كېڭىشى خاماسنى تېررورچى تەشكىلاتلار ئىسىملىكىگە كىرگۈزگەن ھەمدە ئالاقىدار خادىملىرىنىڭ مال-مۈلۈكىنى توڭلىتىش قاتارلىق جازالاش تەدبىرىنى قوللانغان ئىدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئادەتتىكى سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا قارىتا، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ خاماسنى تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىدە داۋاملىق قالدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر