- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پېشاۋاردا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىپلىدى
2014.12.19 09:14 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى ئىجرائىيە كومىتېتى تۈنۈگۈن تاشكەنتتە بايانات ئېلان قىلىپ، 16-دېكابىر پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەھەر پېشاۋاردا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىپلىدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: پاكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۈزەتكۈچى دۆلىتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىجرائىيە كومىتېتى مەزكۇر دۆلەت ۋەزىيىتىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ، پاكىستاننىڭ تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىچىلىككە زەربە بېرىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. رايون تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىجرائىيە كومتېتى تېررورچىلارنىڭ پۇخرالار بولۇپمۇ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان زوراۋانلىق تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى كۈچلۈك ئەيىپلەيدۇ، تېررورلۇق ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ھال سورايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر