باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەر شارى مىقياسىدا فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى

2014.12.08 16:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا يېپىلغان فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يەر شارى بويىچە فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ھازىر جەمئىي 274 مىليونغا يەتكەن، 2050-يىلىغا بارغاندا فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار 770 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدىكەن، ئىنگلىز تىلى كۈچلۈك ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەت ئالدىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان فرانسۇز تىلىنىڭ تەسىر كۈچى بارغانسېرى ئاشتى، بۇ فرانسىيەنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ساپ فرانسۇز تىلى ھەرىكىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

  2012-يىلى فرانسىيەنىڭ پارىژدىكى ئالىي دەسلەپكى سوت مەھكىمىسى فرانسىيەنى زىل زىلىگە سالغان بىر داۋالاش ۋەقەسىنى قاراپ چىقتى، بۇ ۋەقە ۋوسگېس ئۆلكىسىنىڭ ئەيپىنال شەھىرىدىكى ژان.مونەت دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەن، 450 نەپەر راك بىمارى 2001-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە بۇ دوختۇرخانىدا داۋالانغاندا ھەددىدىن ئارتۇق رادىئاكتىپ نۇرنىڭ تەسىرىدە سالامەتلىكى زىيانغا ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە 7 سى قازا قىلغان، 6 يىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق تىل مەسىلىسىنىڭ بۇ ئېغىر ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىر ئىكەنلىكى بايقالغان، ئالاقىدار تەرەپلەر« فرانسۇز تىلى ئىشلىتىش قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامېرىكا ھەممىباب داۋالاش ئۈسكۈنىسى شىركىتىنىڭ فرانسىيەدىكى شۆبىسى ئىشلەپچىقارغان رادىئوئاكتىپ داۋالاش ئۈسكۈنىسىنىڭ يۇمشاق دېتالىنى ئىنگلىز تىلى بويىچە قۇراشتۇرغان، ژان مونەت دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرلىرى تەربىيەلەنگەندىمۇ ئىنگلىز تىلى بىلەن تەربىيەلەنگەن، ئۇلار ھەممىنى چۈشەندۇق دەپ قارىغان، نەتىجىدە بىمارلار نورمال مىقداردىن %8دىن %10 گىچە ئارتۇق رادىئوئاكتىپ نۇر قوبۇل قىلغان.

  «فرانسۇز تىلى ئىشلىتىش قانۇنى» دۇپونت قانۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1994-يىلى 8-ئايدا فرانسىيىنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرى دۇپونتنىڭ تەشەببۇسى ئاستىدا فرانسىيە خەلق پارلامېنتى ياۋروپادىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان بۇ قانۇننى ماقۇللىدى، بۇ قانۇندا فرانسۇز تىلىنى مائارىپ، خىزمەت، ئالماشتۇرۇش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت تىلى قىلىش پرىنسىپى بېكىتىلىپ، پۇقرالارنىڭ فرانسۇز تىلى ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىندى، بۇ قانۇندا: ئىشقا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى، توختام، شەرتنامە، كېلىشىم، ئىچكى قىسىم قائىدىسى شۇنداقلا بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتتە ئېھتىياجلىق ساۋاتلار تەربىيەسىدە فرانسۇز تىلى ئىشلىتىش، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى لوزۇنكا، ئېلان قاتارلىقلار چوقۇم فرانسۇز تىلىدا يېزىلىشى، ئەگەر كىرگۈزۈلگەن چەتئەل تىلى ئېلانلىرى بولسا ئەسلى تىلنىڭ يېنىغا چوڭراق قىلىپ فرانسۇز تىلى تەرجىمىسىنى يېزىپ قويۇش، خەلقئارا يىغىنلار ئېچىلغاندا يىغىننى ئۆتكۈزگۈچى تەرەپ تەمىنلىگەن بارلىق ھۆججەتلەرنىڭ فرانسۇز تىلىدىكى قىسقىچە مەزمۇنى بولۇشى كرەك دەپ بەلگىلەندى، بۇنىڭدىن مەقسەت ئىمكان قەدەر فرانسۇز تىلى ئىشلىتىش، ئىنگلىز تىلىغا چەكلىمە قويۇش ئىدى، ھەرقانداق كىشى بۇ قانۇن پەرمانغا خىلاپلىق قىلسا جەرىمانە قويۇلاتتى.

  دۇپونت قانۇنى چىقىرىلىپ 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئىنگلىز تىلىنىڭ ئومۇملىشىشىنى توسۇيدىغان توساققا ئايلاندى، فرانسىيە ئېلانچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولدىكى 2013-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدە 3962 ئېلان ئىچىدە 43 ئى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان، مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئىنگلىز تىلىدىن فرانسۇز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان، بۇ نەتىجە ئالدىنقى قېتىمقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ياخشى، 2009-يىلى فرانسىيەنىڭ ئېلانچىلىقنى باشقۇرۇش نازارەت قىلىش ئاپپاراتلىرى تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، 3526 ئېلان ئىچىدە 147سى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئېلان بولدى.

  ئىقتىساد يەر شارىلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئىنگلىز تىلىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارىتا، دۇپونت قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۇنچە ئاسانغا توختىمىدى، يولغا قويۇلۇش جەريانىدا بەزى كارخانىلارنىڭ قارشىلىقىغا ۋە كەمسىتىشىگە ئۇچرىدى، 2006-يىلى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەتىيازلىق باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە فرانسىيە ياللىغۇچىلارغا قارشى تۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، ياۋروپا سانائەت ۋە ياللىغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى سەيېئر يىغىندا سۆز قىلغاندا فرانسۇز تىلىنى ئىشلەتمەي ئىنگلىز تىلىنى ئىشلەتكەنلىكتىن يىغىنغا قاتناشقان فرانسىيە زۇڭتۇڭى شىراك قاتتىق غەزەپلىنىپ چىقىپ كەتكەن، سەيېر سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يىغىن مەيدانىغا قايتىپ كىرگەن، شۇ ئىشتىن كېيىن سەيئېر چۈشەندۈرۈپ: ئىنگلىز تىلى سودا تىلى دېگەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ فرانسىيەدىكى چوڭ كارخانىلارنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئىنگلىز تىلىنى ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىدەك بىر ھەقىقەتنى ئېيتقان ئىدى.

  بۇنىڭغا قارىتا فرانسىيە دۆلەتلىك پەن تەتقىقات مەركىزى تىلشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى ساگار مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلى، فرانسۇز تىلىنىڭ خەلقئارا ئالماشتۇرۇش تىلى بولۇش ئورنى ھەقىقەتەن تۆۋەنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنگلىز تىلىنىڭ ئورنى ئاشتى، بۇ ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ سىياسىي ۋە ئىقتىساد ساھەسىدە دۇنياغا باشلامچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئەمما بۇنداق ۋەزىيەت ۋاقىتلىق، بەلكى ئەتىلا خەنزۇ تىلىغا نۆۋەت كېلىشى مۇمكىن، دۇنيا بىر ئورتاق تىلغا موھتاج ، ئىلگىرى ئوتتۇرا دېڭىز ئەتراپىدىكى گېرىك تىلى بىلەن لاتىن تىلى بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن ئىدى، نۆۋەتتە نەچچە مىليون بالا فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەردە فرانسۇز تىلى ئۆگەنمەكتە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يەنىلا مىليونلىغان كىشى فرانسۇز تىلىنى تەتقىق قىلماقتا، فرانسۇز تىلى ياخشى ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. خەتەرلىك، قۇتقۇزمىسا بولمايدىغان ئەھۋالغا تېخى يېتىپ بارمىدى.

  ساگار مۇنداق دەپ قارىدى: تىلنىڭ ساپلىقى دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئانچە چوڭ ئەھمىيىتى يوق، چوقۇم تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى تىل توختىماي تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى كېرەك، گۈزەل فرانسۇز تىلى 1800 يىلدىن بۇيان لاتىن تىلى، كىرتىك تىلى، نېمىس تىلى قاتارلىق تىللارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە ئۆزئارا ئەينەك قىلىشىنىڭ نەتىجىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر