باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فېرگۇسوندىكى مالىمانچىلىق نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىۋېرىدۇ؟

2014.12.04 14:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فېرگۇسوندىكى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى پەيدا قىلغان مەملىكەتلىك ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 1-دېكابىر ئاق سارايدا كابىنېت ئەزالىرى، قانۇن ئىجرا تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە خەلق ھوقۇقى داھىيلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، قانۇن ئىجرا تارماقلىرى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە ئالاھىدە پۇل ئاجرىتىپ ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش مەشىقىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە فېرگۇسوندىكى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى سەۋەبلىك پەيدا بولغان ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئوقۇغۇچىلارغىچە كېڭىيىپ كەتتى. 1-دېكابىر خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، يالې ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بەس بەستە نامايىش قىلىپ، ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دىققەت قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  تۆت ئاي بۇرۇن ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان ياش بروۋىن فېرگۇسوندا ئېتىۋېتىلگەندىن بۇيان، بۇ ۋەقە داۋاملىق ئەۋجىدى. بۇنىڭ ئارقىسىدا قانداق چوڭقۇر قاتلاملىق تارىخىي ۋە رىيال سەۋەبلەر بار؟

  بىرىنچىدىن، فېرگۇسون ۋەقەسى ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارغا ئەجدادلىرىنىڭ سەرگۈزەشتىسىنى ئەسلەتتى، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتى يەنە بىر قېتىم تەسىرگە ئۇچرىدى.

  فېرگۇسوندا ئۇزۇن مەزگىل تۇرىۋاتقان بىر سىياسىيشۇناس مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: برۇۋېن گەرچە جورىسىز ئائىلىدە چوڭ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى تۈگەتكەن، يامان ئەمەس ياش ھېسابلىنىدۇ. برۇۋېن ئالىي مەكتەپكە چىقاي دەپ قالغان، ئۇنىڭ ئىستىقبالى بار ئىدى. ئۇ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيتتى، ئاقىۋەتتە ساقچى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان كىشىلەر توپىنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار يەتتى. ئۇلار يەنە بىر ئۈمىدىمىز بەربات بولدى دەپ قارىدى.

  بروۋېننىڭ ئۆگەي دادىسى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: بۇ ۋەقە مېنى ئويغاتتى، مەن ياشاۋاتقان دۆلەت خىيالىمدىكى بىلەن ئوخشىمايدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ دۆلەتتە يەنىلا ئېرىقچىلىق مەۋجۇت ئىكەن.

  ئىككىنچىدىن، فېرگۇسوندىكى مۇئەللىمانچىلىق گەرچە ئىرق مەسىلىسى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولسىمۇ لېكىن بۇنىڭ تۈپ يىلتىزى ناھايىتى زور دەرىجىدە نامراتلىق، ئىقتىسادى خارابلىق ھەمدە ئىقتىسادى پۇرسەتنىڭ باراۋەر بولماسلىقى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  سان لۇيىسنىڭ غەربىي شىمالىدىكى فېرگۇسون ئامېرىكىدىكى ئەڭ نامرات رايونلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇپ، باي نامراتلىق پەرقى غايەت زور، مائارىپ سۈپىتى تۆۋەن، داۋالاش سەۋىيىسى ناچار، خىزمەت قىلىش پۇرسىتى ئاز، جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتى يۇقىرى جاي. ئامېرىكا قوشما شتات ئامانەت سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، سان لۇيىستا ئۈچ پىرسەنت ئاق تەنلىكنىڭ بانكا ھېساباتى يوق ئىكەن، بۇ سان ئافرىقىلىقلار ئەۋلادلىرى ئارىسىدا 29 پىرسەنتكە يېتىدىكەن.

  فېرگۇسوندا يەنە بىر ئەھۋال بىر قەدەر گەۋدىلىك. زور كۆپ سانلىق فېرگۇسون ئاھالىسى ئىلگىرى ماك دونال دوگلاس شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىدى، لېكىن بۇ شىركەت 1997-يىلى بوئىن شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن زور مىقداردا خادىم قىسقارتقان. جۇڭگولۇقلار ئەۋلادىدىن بولغان ئالىم جۇ يىمىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ماك دونال دوگلاس شىركىتى سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن فېرگۇسوندا ئىشسىزلار كۆپىيىپ كەتتى، ئىشسىز قالغان ئىشچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بولۇپمۇ ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغانلارنىڭ تۇرمۇشى قىيىنلاشتى ، ئىقتىسادى نامراتلىقنىڭ ئۈستىگە ئىرقچىلىق غەزىپى قوشۇلۇپ، بۇ كىچىك بازار مۇئەللىمانچىلىقنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ قالدى.

  ئۈچىنچىدىن، فېرگۇسوندىكى مۇئەللىمانچىلىق ئامېرىكىدىكى ساقچىلارنىڭ ھوقۇقىنى خالىغانچە ئىشلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. زاسېداتېللار ئۆمىكى بروۋېننى ئېتىۋەتكەن ئاق تەنلىك ساقچى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنمايدۇ دەپ كېسىم چىقاردى. بۇ ئامېرىكا ئاممىسى بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ پىكىرى بىلەن ئەكسىچە بولغان بۇ كېسىم خەلقنىڭ ساقچىلار بىلەن قارشىلىشىشىنىڭ مەغلۇب بولۇشى دەپ ھېسابلىنىپ ، كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىدى.

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى تورىنىڭ زاسېداتېللار ئۆمىكى كېسىمنى جاكارلاشتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان بىر ئەلرايىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، 32 پىرسەنت زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى: زاسېداتېللار ئۆمىكى ئاق تەنلىق ساقچى ئۈستىدىن قاتىللىق جىنايىتى بىلەن شىكايەت قىلىشى كېرەك دەپ قارىغان، 25 پىرسەنت زىيارەت قوبۇل قىلغۇچى ئۇ جىنايىتىگە تۇشلۇق جازالانمىدى دەپ قارىغان، 12 پىرسەنت زىيارەت قوبۇل قىلغۇچىلارلا شىكايەت قىلماسلىق كېرەك دەپ قارىغان.

  ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گارنېر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: فېرگۇسوندىكى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى ھەققىدىكى جىنايەتسىز دېگەن كېسىم كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، چۈنكى قانۇندا ساقچىلارغا زىيادە ھوقۇق بېرىلگەن، مەسىلەن ئوق چىقىرىپ بولۇپ، ئاندىن قانۇن سۆزلەش دېگەندەك، ناۋادا بۇندىن كېيىن ساقچىلارغا بېرىلگەن ھوقۇق چەكلەنمىسە، ئامېرىكىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر ئۈزۈلمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر