باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھەقىقىي ئەر، پۇتىنغا ئېھتىرام(2)

2014.11.26 15:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3.«ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمىلىق مۇددىئاسى ۋە ئۇلارنىڭ باشقا ھەرقانداق مۇددىئاسىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق: سېنىڭ ئۆيۈڭگە ئوت يېقىپ تۇخۇم پىشۇرماقچى.»

  ئۈچىنچى، تېررورچىلارغا بولغان مۇئامىلە

  1. تېررورچىلارغا قارىتا بىز ھەرقانداق يەردە تېررورچىلار ئۈچۈن قىلتاق قۇرىمىز، ئايروپورتتا تۇتۇۋالغانلارنى شۇ يەردىلا ئېتىۋېتىمىز، ھاجەتخانىدا تۇتۇۋالساق تەرەت قاچىسىدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۋېتىمىز، بۇ مەسىلىنى مۇشۇنداق بېكىتىمىز. ــ 1999-يىل سېنتەبىردە تېررورچىلارنى قوغداپ تۇتۇشنى تىلغا ئالغاندا مۇشۇنداق دېگەن.

  2. ھايۋانلار بىلەن سودا قىلمايمىز.

  پۇتىن غەرب مۇخبىرلىرى سورىغان رۇسىيە چېچىنىيە قانۇنسىز قوراللىق كۈچلىرى بىلەن سۆھبەتلىشەمدۇ-يوق، دەپ سورىغاندا، ئۇ قايتۇرۇپ:« سىلەر نېمىشقا بىن لادېن بىلەن سۆھبەتلەشمەيسىلەر؟ نېمىشقا ئۇنى بريۇسسېل ياكى ئاقسارايقا بېرىپ سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭدىن نېمە لازىم دەپ سوراپ ئۇنىڭغا دېگىنىنى بېرىپ، ئۇ جىمجىت يولغا سېلىپ قويمايسىلەر؟» دەپ سورىغان. ئۇ يەنە :« سىلەر ھايۋان بىلەن سودا قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر، بىز نېمىشقا بالىلارنى قىرغىن قىلغان ئادەم بىلەن سۆھبەتلىشىمىز؟ ھېچكىمنىڭ بىزگە ئەخلاق تەربىيەسى بېرىپ، بىزنى بالىلارنى ئۆلتۈرگەن ئادەم بىلەن سۆھبەتلەشتۈرۈش ھوقۇقى يوق.»

  تۆتىنچى، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشتا

  ھەممە ئادەم مۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىشى كېرەك: قانۇن ھەر ۋاقىت رىئايە قىلىش كېرەك، بۇ ھەرگىزمۇ سىز باشقىلار تەرىپىدىن مەلۇم تۇتۇلغاندا رىئايە قىلىدىغان ئىش ئەمەس.

  ئولتۇراق ئۆي، مائارىپ، داۋالاشنى ھاۋا ۋە قۇياش نۇرىدەك خەلققە سوۋغا قىلىش كېرەك، ئەگەر بىر ھۆكۈمەت بۇنداق قىلالمىسا، ئۇنداقتا ئۇ بىر ۋىجدانسىز ھۆكۈمەت ھېسابلىنىدۇ.

  بەشىنچى، تاراتقۇلارغا تاقابىل تۇرۇشتا

  پۇتىن مۇخبىرنىڭ رۇسىيەدىكى سۆز قىلىش ئەركىنلىكى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: « ئىتالىيەنىڭ بىر داڭلىق كىنوسىدا مۇنداق دېيىلگەن: ھەقىقىي ئەركەك توختىماي ئامال ئويلايدۇ، ھەقىقىي ئايال توختىماي تىركىشىدۇ.»

  «ئادەم ئەسلىي ئەركىن بولۇشى كېرەك»، بىراق مەن سىزگە راستىنى دېسەم، رۇسىيىلىكلەر ئىراقنىڭكىدەك ئۇنداق دېموكراتىيەنى كېرەك قىلمايدۇ» قىسمەن كىشىلەرنىڭ رۇسىيە دېموكراتىيىسىنى تەنقىد قىلغىنىغا قارىتا پۇتىن يۇقىرىقى سۆزىنى قىلغان.

  2000-يىل سېنتەبىردە ئامېرىكا مۇخبىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ «كۇرسكى ناملىق» يادرو چۆكمە پاراخوتىغا نېمە بولغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ قىسقا قىلىپ « ئۇ چۆكۈپ كەتتى» دەپ جاۋاب بەرگەن.

  ئالتىنچى، ئادەم بولۇش پرىنسىپى

  1. ئادەمنىڭ ئالدى بىلەن ئەمەل قىلىدىغىنى باشقىلارنىڭ پىكرى ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ ۋىجدانى

  2.ھېچقانداق ئىشتا ئۆكۈنمەسلىك كېرەك، سەن ئۆكۈندىڭمۇ بولدى ئۆتكەن ئىشلار يۈرىكىڭنى ئاچچىق قىلىدۇ، سەن كەلگۈسىنى ئويلىشىڭ، ئالدىڭغا قارىشىڭ كېرەك.

  3. ئېتىقاد مەسىلىسىگە كەلسەك، سەن ھەرقانداق ۋاقىتتا بۇنى ئاممىۋى سورۇنغا ئېلىپ چىقىپ مۇزاكىرە قىلىپ يۈرمە.

  4. ئادەم بىر خىل پەزىلەتنى ئېنىق ئىپادىلىشى كېرەك، ئۇ بولسىمۇ كەڭ قورساقلىق قىلىش. مېنىڭچە كەڭ قورساقلىق قارار قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە نەرسە.

  يەتتىنچى، خاراكتېر ۋە قىزىقىش

  1. مەن ئەزەلدىن خۇپسەنلىك قىلمايمەن. ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان ئىشنى خۇشاللىق بىلەن قىلىمەن.

  2. كەمچىلىكى يوق ئادەم مەۋجۇت ئەمەس، يېڭى بىر ئەۋلاد ئادەملەرنىڭ تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولىدۇ

  3. مەن مەلۇم ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۆزۈم خالايدىغان ئىشنى قىلىمەن.

  4. جۇدوچە چېلىشىش مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن قىلغان ئىش، ئۇ بىر تۈرلۈك تەنھەرىكەت بولۇپلا قالماي يەنە بىر پەلسەپە، ئۇ ماڭا دۈشمىنىمگە مۇئامىلە قىلغاندىمۇ ھۆرمەت قىلغىنىدىنمۇ ھۆرمەت تۇيغۇسىدا بولۇشۇمنى ئۆگىتىدۇ.

  5. ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ماڭا نىسبەتەن ئەقلىي تەنتەربىيە پروگراممىسىغا ئوخشايدۇ.

  6. كىتاب سىز ئۈچۈن مۇھىم، بىراق تۇرمۇشىڭىزدا ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم نەرسە- ئائىلە ۋە دوست.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر