- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى فېرگۇسون دېلوسىنى داۋاملىق تەكشۈرىدۇ
2014.11.26 15:32 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى ئېرىك فولدېر ئۈلۈشكۈن كەچتە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئەدلىيە مىنىستىرلىقى دىققەت قىلىنىۋاتقان ۋە تالاش تارتىش بولۇۋاتقان فېرگۇسوندىكى ئوققا تۇتۇش دېلوسى ۋە فېرگۇسون ساقچى دائىرىلىرىنى داۋاملىق تەكشۈرىدۇ. فولدېر شۇ كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: گەرچە يەرلىك زاسېداتېللار ئۆمىكى بۇ ۋەقە توغرىسىدا قارار چىقىرىپ بولغان بولسىمۇ، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قارا تەنلىك ياش مايكىل بروۋىننىڭ ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسىنى داۋاملىق تەكشۈرىدۇ. بۇندىن بۇرۇن زاسېداتېللار ئۆمىكى بروۋىننى ئېتىۋەتكەن ئاق تەنلىك ساقچى ۋىلسوننىڭ قورال ئىشلىتىشى قانۇنلۇق دەپ قاراپ ئۇنىڭ ئەيىبلەنمەيدىغانلىقىنى قارار قىلغان ئىدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ كۈنى كەچتە ئاق سارايدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئاۋام، ساقچىلار ۋە ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ سوغۇققان بولۇشى ۋە ئۆزلىرىنى تۇتىۋېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر