باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

زاھىد ھۈسەيىن: فېرگۇسون دېلوسىدىكى ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىدىن ساقلىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2014.11.26 15:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە ئالىي مەخسۇس خادىمى زاھىد ھۈسەيىن تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ فېرگۇسوندىكى ئوققا تۇتۇش دېلوسى ھەققىدە چىقىرىلغان كېسىم نەتىجىسىگە ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، زوراۋانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىنى قىلماسلىقىنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئېرىقى كەمسىتىش مەسىلىسىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە ئەدلىيە سىستېمىسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەكشۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى. ھۈسەيىن مۇنداق دېدى: زاسېداتېللار ئۆمىكى تەكشۈرگەن ئىسپاتلارنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمىگەچكە، بۇ كېسىمنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىگە باھا بېرەلمەيمەن. لېكىن مەن ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان ئامېرىكىلىق ياشلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش نىسبىتىنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى ئىكەنلىكى، ئامېرىكىدىكى ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان مەھبۇسلار ھەمدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن مەھبۇسلار نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلماقتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر