- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىق يىغىنى دۇبەيدە باشلاندى
2014.11.26 15:30 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىق يىغىنى 24-نويابىر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەيدە باشلاندى، مۇنبەرگە ئوتتۇرا شەرق، شەرقىي ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىن كەلگەن 350 تىن ئارتۇق ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، ئېنېرگىيە ۋە پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس قاتناشتى. مۇنبەرگە قاتناشقۇچىلار پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئېنېرگىيەگە ئېھتىياجلىق تەرەپ بىلەن ئېنېرگىيە تەمىنلىگۈچى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يارىتىش، شۇنداقلا رايونلارنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئاسىيا ئاساسىي ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش بانكىسى پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر