باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن دېپلوماتىك ھۇجۇم ئارقىلىق ئۇكرائىنانىڭ قىيىن ۋەزىيىتىنى ئوڭشىماقچى بولدى

2014.11.24 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   يىل ئاخىرى كېلىپ قالغان بولسىمۇ، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى قايتا جانلىنىپ كەتتى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 18-نويابىر كرېمل سارىيىدا چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئىننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى چۆ ريوڭخې بىلەن كۆرۈشكەنىدى، ئەمدى ئۇ يەنە ۋېيتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، پۇتىن بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ھىندىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركىيەنى، كېلەر يىلنىڭ بېشىدا مىسىرنى زىيارەت قىلماقچى بولغان.

   شۇبھىسىزكى، بۇ بىر قاتار يۈز بەرگەن ۋە يۈز بېرىدىغان دېپلوماتىيە پائالىيەتلىرى رۇسىيەنىڭ «ئۇكرائىنا قىيىن ۋەزىيىتى»دىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇشقا يەنە بىر قېتىم ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 2014-يىلى رۇسىيەنىڭ دېپلوماتىيەسى داۋالغۇش ئىچىدە ئىلگىرىلىدى. بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، پۇتىن رۇسىيە خەلقىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇكرائىنادىن ئىبارەت بۇ ئېنىق ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، ئوكرائىنىيە دائىرلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا بىلەن قارشىلاشتى، نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، قەتئىي بوشاشمىدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر